تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلىدى، كەسىپ ئارقىلىق خەلقنى بېيىتتى

كەلپىن:

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلىدى، كەسىپ ئارقىلىق خەلقنى بېيىتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن دېڭ لىجۈەن

كۈز پەسلى قوي ئەت ئالىدىغان، قوينى نەسىللەندۈرىدىغان ئەڭ ياخشى پەسىل، كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى باققان كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى يۇقىرىس كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە پاتىمە ئابدۇراخمان قويلىرىنىڭ كېلەر يىلى ئەتىيازدا كۆپرەك قوزىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئۇ ئائىلە زىيارىتىگە كەلگەن كادىرغا مۇنداق دېدى: «ناھىيە قويچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر مېنىڭ قوي بېقىپ بېيىش ئىشەنچىم ناھايىتى تولۇق، قوي بېقىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى بولسا چوقۇم قاتنىشىمەن».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، تۈرلۈك «يېزا ئىگىلىكى»نى نام قىلغان كەسىپلەر دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا «مەنبە سۇ» ئاتا قىلدى.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەر يېڭىدىن شاخ چىقاردى

ئىشىكى ئالدىدىكى بۇغداي پىششىقلاش كارخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئېلى مامۇت بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى ئىدى، «مەن كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى قۇملۇق كەنتىدە چوڭ بولغان، ھازىر بىز ئورگانىك بۇغداينى پىششىقلاپ يېشىل يېمەكلىككە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتىمىز».

ئېلى شىنجاڭ ئەلنۇر يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ بۇ يەردە خىزمەت قىلغان ئون يىلدا، بۇ ئەنئەنىۋى ئۇن زاۋۇتىنىڭ كەلپىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى گۈزەل بولۇش، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق يېتەرلىك بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىگە تايىنىپ، كەسىپ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەدرىجىي ھالدا تېرىقچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، پەن تەتقىقاتنى بىر گەۋدە قىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىغا ئايلىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش شەرق شامىلى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ «يېڭىدىن شاخ چىقىرىش»ىغا تۈرتكە بولدى. كەلپىن ناھىيەسىدە ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ ئۇن، قوي گۆشى، سېرىق ئۆرۈك، چامغۇر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. شۇڭا، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى «ئەلا سۈپەتلىك، لېكىن نامى تونۇلمىغان» ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «بازىرى ئىتتىك مال»غا ئايلاندى.

يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر مول مېۋە بەردى

«ھازىر ئۆيۈمدە بوتىلاپ بولغان ئون تۆگە بار، ھەربىر تۆگىدىن كۈندە ئىككى كىلوگىرام سۈت چىقىدۇ، ھەربىر كىلوگىرامىنى 40 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، كۈندە تۆگە سۈتىدىن 800 يۈەن كىرىم قىلىمەن، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم» دېدى گەزلىك بازىرى ئۈستۈنكى قاشئېرىق كەنتى تۆگە باقمىچىلىق بازىسىدىكى باقمىچى زىبىرگۈل مىرزى مۇخبىرغا.

تۆگە باقمىچىلىقىنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، تۆگە يىرىك يەم - خەشەك بىلەن بېقىلىدۇ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، تۆگە سۈتىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، «قۇملۇق ئاق ئالتۇنى» دەپ ئاتالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېھقان - چارۋىچىلار باققان تۆگە سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، تۆگىچىلىك كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

نۆۋەتتە، كەلپىن ناھىيەسىدە 8600دىن ئارتۇق تۆگە بېقىلىۋاتىدۇ. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ تۆگىچىلىك كەسپىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق تۆگە سۈتى پىششىقلاش كارخانىسىدىن بىرنى كىرگۈزدى، نۆۋەتتە ھەر كۈنى ئۈچ توننا تۆگە سۈتىنى پىششىقلىيالايدۇ.

ھەسەل ھەرىسى بېقىش «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يېزا ئىگىلىكى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەبلەغ ئاز سېلىنىدىغان، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان بىر تۈرلۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار ئۆز جايىنىڭ شىرنە ئۆسۈملۈكلىرى تەدرىجىي موللاشقانلىقىدەك ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «تاتلىق كەسىپ»نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەسەل ھەرىسى بېقىشقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.

كەسىپ تەرەققىياتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى.

ئاچال بازىرى گەزلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇللا مامۇتنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسى، كىچىك بالىلىرى بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئامالسىز ئىدى، ئىلگىرىكى كۈنلىرى بىرقەدەر جاپا - مۇشەققەتتە ئۆتكەنىدى.

بۇ يىل، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى بىر بوش يەرنىڭ ئۇن پىششىقلاش ھۈنەرخانىسى قۇرۇشقا بىرقەدەر ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن، ئەتراپتا ئۇن پىششىقلاش ھۈنەرخانىسى بولمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇغداي پىششىقلاش ئۈچۈن يىراققا قاتراشتەك قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى قاندۇردى.

«كەنت كادىرلىرى بىزگە ياردەملىشىپ قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ بەردى، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئىككىيلەن ئۇن پىششىقلاش تەرتىپى ۋە ئۇسۇلىنى ئىگىلىدۇق. ھازىر، چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمىز قولايلىق بولۇپلا قالماي، ھەر ئايدا يەنە 4000 يۈەن ساپ كىرىم قىلىمىز» دېدى ئابدۇللا خۇشال ھالدا.

2016 - يىلىدىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىنى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇت(سېخ)لىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، نامرات ئاممىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆكتات تېرىقچىلىقى، چارۋا باقمىچىلىقى، باغ - ئورمانچىلىق ئەمەلىي تېخنىكىسى ۋە ئىشلەمچىلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق سەۋىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى