تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەن تۇەنچېڭ: كونا شەھەر يېڭى تۈسكە كىردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، جوۋ پېڭ، سۇ شۈەنمىڭ

9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى تۇەنچېڭدا سەيلە قىلغاندا، كۆك ئاسمان، ئاپپاق بۇلۇتلار ئاستىدا سۇس قوڭۇر رەڭلىك كاھىشلار پارقىراپ تۇراتتى، كوچىلاردا قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەلگەنىدى. 9 - ئاي دەل خوتەننىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى، پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگەن تۇەنچېڭدىكى قاتار سودا دۇكانلىرىدىن خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلار ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ، ئىنتايىن قىزىپ كەتكەنىدى.

«ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى، بۇ يەردىكى ئۆيلەر كونا ئىدى، سۇ، توك، گازنى يۈرۈشلەشتۈرۈش مۇكەممەل ئەمەس، ئوت ئۆچۈرۈش يولىمۇ ئۆلچەملىك ئەمەس ئىدى» دېدى خوتەن تۇەنچېڭنى ئۆزگەرتىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش ئىنژېنېرى ئابابەكرى توقسۇن.

خوتەن شەھىرىدىكى ناۋاغ كوچىسى شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى مەركەزدىن تارقالما شەكىلدە بولۇپ، يول - كوچىلار بىلەن ئورالغان بولغاچقا، شۇ يەردىكىلەر تەرىپىدىن «تۇەنچېڭ» دەپ ئاتالغان. 2016 - يىلى، خوتەن شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى (تۇەنچېڭ)نى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلانغان، ئۆزگەرتىلگەن ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 420 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 3500 ئائىلىگە چېتىلغان.

ئىلگىرى، ئاھالە ئايگۈل مەتقۇربان ھارۋا ئىتتىرىپ مېۋە سېتىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر كونا ئۆيدە قىستىلىپ تۇراتتى. 2016 - يىلى 7 - ئايدا، ئۇنىڭ كونا ئۆيى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئۆزگەرتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، ھۆكۈمەت ھەر كىۋادرات مېتىرغا 580 يۈەندىن ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى، ئۇ بۇنىڭغا ئۆزى غەملىگەن مەبلەغنى قوشۇپ ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۆي سالدى.

«1 - قەۋەتتىكى ئىككى دۇكاننى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزىمىز ئىشىك ئالدىدا مېۋە - چېۋە سودىسى قىلدۇق؛ 2 - قەۋەتتە بەش ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، ھەربىرىمىزنىڭ بىر ئېغىزدىن ئۆيى بار بولدى.» يېپيېڭى تۇرالغۇسىغا قاراپ، ئايگۈل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئىككى ئېغىز دۇكاندىن يىلدا 46 مىڭ يۈەن ئىجارە ھەققى كىرىدۇ. كونا شەھەر رايونى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بىزنىڭ مېۋە - چېۋە، سوغۇق ئىچىملىك سودىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئازراق پۇل يىغقاندىن كېيىن، مەن ھويلىنى قايتىدىن بېزەپ، بىر مېۋە - چېۋە تاللا بازىرى ئېچىشنى ئويلاۋاتىمەن».

ئابابەكرى مۇنداق تونۇشتۇردى: تۇەنچېڭنى ئۆزگەرتىشتە تارىخىي مەدەنىيەت ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىپ، شەھەرنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، تۇرمۇش مۇھىتى ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن تۇەنچېڭ شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر «داكا قىلىدىغان» ئاۋات جايغا ئايلاندى.

«تۇەنچېڭ رېنجيا» بىر ۋاڭخۇڭ ئاشخانا. «ئاشخانا ئاساسلىقى ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەردىن باشقا، نۇرغۇن يەرلىك كىشىنى دائىم كېلىپ تۇرۇشقا جەلپ قىلدى، ھەتتا تۇەنچېڭدىكى ياشانغانلارمۇ كېلىپ ئولتۇرۇپ، خوتەننىڭ قىزىلگۈل چېيىنى ئىچكەچ، مۇزىكا ئاڭلايدۇ.» ئاشخانىنىڭ ئىگىسى مەتباخۇن ئابلىمىت مۇنداق دېدى: ئاشخانىمىزغا 30غا يېقىن كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئون كىشى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە.

نۆۋەتتە، تۇەنچېڭ 1 - قارارلىق 97 ئائىلىنىڭ ئۆيىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى. تۇەنچېڭ 2 -، 3 - قارارلىق ئۆزگەرتىش تۈرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىمۇ ماس قەدەمدە قۇرۇلۇۋاتىدۇ. تۈر تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ يەردە بەلگىلىك كۆلەمدىكى قاشتېشى ئويمىچىلىقى، توقۇمىچىلىق، مىللىيچە كىيىم - كېچەكلەرنى پىچىش - تىكىش، گۈل بېسىش، بوياش، رەڭدار نەقىشلەش قاتارلىق مىللىيچە قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ھۈنەرخانىلىرى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

2019 - يىلى، تۇەنچېڭ دۆلەتلىك 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى. ئابابەكرى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، تۇەنچېڭدا خوتەن شەھىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت چەمبىرىكى بەرپا قىلىنىپ، خاس مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر جەلپ قىلىنىپ، خوتەن ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى