تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاندا يېڭى كەيپىيات دولقۇنلاپ مەۋج ئۇردى

− شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۈچەيدى، ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشتى

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى

«شىنجاڭ ھەقىقەتەن ياخشى جاي ئىكەن، ئالتۇن كۈزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىكەن!» دەپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى سىچۇەن چېڭدۇدىن كەلگەن ساياھەتچى لى لىڭ كۆپكۆك سايرام كۆلىگە نەزەر سالغاچ.

شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىدا 2014 - يىلى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 50 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتمىگەنىدى، 2019 - يىلىغا كەلگەندە 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. پەقەت بۇ يىللا ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىدىن 1795ى، كارىۋات ئورنىدىن 28 مىڭ 500ى يېڭىدىن كۆپەيدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ياخشى مەنزىرە، ساياھەت بازىرىنىڭ قىزىشى پەقەت شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالاشتى؛ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كېچە - كۈندۈز توختىماي قاتنىدى، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى... ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يارقىن تەبەسسۇمغا تولغان چىرايىدا ئىپادىلەندى.

كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ياخشىلاندى

قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىدىكى چۆل - جەزىرىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ماڭسىڭىز، نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىرنەچچە بۇرغىلاش قۇدۇقى جازىسىنىڭ چۆللۈكنىڭ مەركىزىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز.

قاراماي نېفىت سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كونا نېفىتلىك. شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى تەرەققىيات شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق چۈشەندۈردى: «كونا» دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن چارلاپ ئېچىلغان تۇنجى چوڭ نېفىتلىك؛ «ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان» دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، بۇ نېفىتلىكنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۇدا 18 يىل 10 مىليون توننىدىن يۇقىرى بولۇپ كەلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولدى.

ليۇ ۋېيدۇڭنىڭ قارامايدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولدى، ئۇ نېفىتلىك تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسى: 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، نېفىتلىكتە قۇدۇق چارلاشتا پۈتۈنلەي ئادەم كۈچىگە تايىنىلاتتى، نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇقتا يىغىلىپ قالغان قار تىزدىن ئاشسىمۇ، چارلاپ تەكشۈرگۈچىلەر ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم چارلاپ تەكشۈرەتتى. «ھازىر پۈتۈنلەي ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلدى، ئېكرانغا قاراپ، بۇرغىلاش قۇدۇقىنىڭ بېسىمى قاتارلىق پارامېتىرلارنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ!» دەپ تونۇشتۇردى ليۇ ۋېيدۇڭ تۇرۇبا يولىغا زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان سېنزور ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

شىنجاڭدا كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق نېفىتلىككە ئوخشاش ئۈزلۈكسىز توختىماي سىجىل كۈچەيدى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %7.7 ئېشىپ، 2019 - يىلى 1 تىرىليون 359 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ئارىلىقىدا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئالاتاۋ، قورغاستىن ئىبارەت ئىككى پورت ۋوگزالى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارى 14 مىليون 100 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كېچە - كۈندۈز توختىماي قاتناپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن بولغان سودىنى زىچ باغلايدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندى.

بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 20دە، 2003 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، پولشانىڭ مالاسېۋىچقا قاراپ ماڭدى. بۇ، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ - چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 14 مىڭ قېتىمدىن ئاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى. «تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش 24 سائەت ئۈزۈلۈپ قالمىدى، 365 كۈن توختاپ قالمىدى.» ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى ۋاڭ چۈەنجيې مۇنداق دېدى: ئېكسپورت نۆۋەتچى پويىزى ئەڭ تېز بولغاندا 20 مىنۇت ئىچىدە تاموژنا يۆتكەپ تەكشۈرۈپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئالاتاۋ پورتىدىن كۈندە ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 15 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قاتناش مىقدارى ئەڭ كۆپ پورت بولۇپ قالدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تولۇقلاپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى. سىجىل ياخشىلانغان ئۇل ئەسلىھەلەر ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ يىل، شىنجاڭدا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى پۇختا قەدەمدە ئاشتى، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى (بىڭتۇەننىڭكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەمئىي 1 مىليون 977 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %12.8 ئاشتى.

قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ باھاسى ئېنىق، ئاشكارا، سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن باھا تالىشىش ھاجەتسىز!» شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ پىچان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزىدە، پىچان ناھىيەسى ئەسلىخاندۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم چوڭ سانلىق مەلۇمات كۆرۈنمە سۇپىسىدىكى ئۈزۈلمەي كۆرسىتىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ھەمكارلىق كوپىراتىپى سېتىۋالغان قۇرۇق ئۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىپ سېتىلىدۇ. بۇ يىل 150 توننىدىن ئارتۇق سېتىلدى، دەپ تونۇشتۇردى.

سودا مەركىزىدە قۇرۇق ئۈزۈم سودىسى راسچوتى قىلىش، ئامبار ئەشيا ئوبوروتى، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قۇرۇق ئۈزۈم ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا توشۇلۇپ، يۇيۇلۇپ، ئىنچىكە تاللىنىپ، ئوراپ قاچىلىنىپ، ئامبارغا كىرگۈزۈلۈپ پۈتۈن مەملىكەتكە بىۋاسىتە سېتىلىدۇ. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بۇ مەركەز ئۇچراشماي ئۇدۇللاشتۇرۇش، پەسىلگە تاقاشتۇرماي سېتىش ۋە تەكشى تەمىنلەشنى يولغا قويۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى» دېدى ئابدۇراخمان. نۆۋەتتە، بۇ مەركەز جەمئىي ساتقان قۇرۇق ئۈزۈم 7200 توننىدىن، سېتىش سوممىسى 79 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

تەرەققىيات يولى توغرا تېپىلدى، ھەميان بارغانسېرى تومپايدى

خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسى ئۈژمىلىك ئارقا كەنتىدىكى بېيىش باشلامچىسى ئەنۋەر مەمتىمىننىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، ھويلىسىدىكى ياڭاق دەرەخلىرى كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك ئۆسكەنىدى، دەرەخ ئاستىدا بىر توپ ئاق غاز ئوينىشىپ يۈرەتتى.

«غاز تۇخۇمى ۋە غاز سېتىپلا بۇلتۇر بىر يىلدا 40 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدىم، يىل ئاخىرىدا يەنە كەنتتىكى پاي قوشقان 20 ئائىلىگە پايدا تەقسىملەپ بېرىمەن، ئۈچ نامرات ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇم.» ئەنۋەرنىڭ خۇشاللىقى سۆز - ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى: «ئورمان ئارىسىدا باقمىچىلىق قىلغاندا ياڭاق دەرەخلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ».

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى. نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر كېرىيە ناھىيەسى باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، باقمىچىلىقتىن گۆش يېمەكلىكلىرى پىششىقلاشقىچە بولغان كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، غازچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. كېيىنكى قەدەمدە ئىنچىكە پىششىقلاش ھەم سۈپەتلىك ماركا يارىتىش ئارقىلىق غاز مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، «يېڭى ھەميان» بار بولۇپلا قالماي، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەتمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى «خىسلەتلىك قورال»غا ئايلاندى. توقاچ نان چوڭ كەسىپكە ئايلاندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نانچىلىق كەسپى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەممىلا يەرنى قاپلىدى... 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە نان يېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.

«ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى، ئايلىق مائاشىم 4200 يۈەن.» خېمىر يۇغۇرۇش، زۇۋۇلا قىلىش، نان ئېچىش... بۇلتۇر شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرى يەكەن كېچىگى كەنتىدىكى نامرات ئاھالە غوپۇرجان قاسىم «قەددىنى رۇسلاش جېڭى» قىلىپ، نان يېقىش ھۈنىرىگە تايىنىپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى.

«يەرلىك تونۇر، كىچىك ناۋايخانىلارنىڭ ئورنىنى رەتلىك، مەركەزلىك ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى ئىگىلەپ، تازىلىقى تېخىمۇ پاكىزلاشتى، مەھسۇلات سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىندى.» پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى پاڭ شۆچىن مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇرۇلۇش كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا سۈت نان، گۈلقەنت نان قاتارلىق 120 نەچچە خىل نان تۈرى تەتقىق قىلىپ ئېچىلدى، كۈندىلىك نان يېقىش ئىقتىدارى 500 مىڭغا، كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 300 مىڭغا يەتتى، كەسىپلەر باغچىسىغا 1200 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىدىكىلەر 696 ئادەم.

يانفون يېڭى دېھقانچىلىق سايمىنى بولۇپ قالدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش يېڭى دېھقانچىلىق ئىشىغا ئايلاندى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارغانسېرى كۆپ دېھقان - چارۋىچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا سېتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا يېڭى چىقىش يولى تاپتى.

«تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، قومۇلنىڭ قوغۇنى، كورلىنىڭ نەشپۈتىنى ھەممە ئادەم ماختايدۇ...» يانفون كامېراسى ئالدىدىكى «95 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئىگىلىك تىكلىگەن ياش ئەبەيدۇللا ئۆمەرنىڭ گەپ - سۆزى راۋان، چىراي ئىپادىسى جانلىق بولۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە تاماشىبىنلارغا ئۆز ئائىلىسىنىڭ مېۋە - چېۋىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ سېتىۋاتاتتى. تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىدا، ئەبەيدۇللانىڭ خېلى نامى بار − ئۇنىڭ قىسقا سىن سۇپىسىدا نەچچە يۈز مىڭ مەستانىسى بار بولۇپ، ئەتراپتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ مېۋە - چېۋىلىرىنى توردا سېتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

«ياخشى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ياخشى سېتىشىمىز كېرەك.» ئەبەيدۇللا مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن كۆپىنچىسى ئۈزۈملۈكنى كۆرۈپ باقمىغان، قۇرۇق ئۈزۈمنى تەييارلاش ئۇسۇلىنىمۇ بىلمەيدۇ.

مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا! بىۋاسىتە كۆرسىتىش كامېراسى ئۈزۈملۈككە توغرىلىنىۋىدى ئىستېمالچىلارنىڭ زاكاز مىقدارى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشتى. ھازىر ئەبەيدۇللا ئىشلەۋاتقان ئوۋبەي ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىدە ئوندىن ئارتۇق خىزمەتچى، ئالتە كەسپىي رىياسەتچى بار. «بۇ يىللىق تىجارەت سوممىسى نىشانىمىز 15 مىليون يۈەن!» ئەبەيدۇللا مۇنداق دېدى: نىشاننى ئورۇنداپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىشەنچىم بار!

ھەم خاتىرجەم ياشىدى، ھەم خۇشال - خۇرام ئىشلىدى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى

ئوچاق بېشىدىكى چەينەكتىن ھور چىقىپ تۇراتتى، ئۆينى ئەتكەن چاينىڭ خۇش پۇرىقى قاپلىغانىدى. ئورازخان ئابدۇراخمان ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا كىرىپ، چەينەكنى كۆتۈرۈپ ئاق چىنىلەرگە چاي قۇيدى، كىچىك ئوغلى ياندىكى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتى.

ھالبۇكى، 2016 - يىلى 7 - ئايدىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى سەككىز جان ئادەم شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىكى 60 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق كېسەك ئۆيدە قىستىلىشىپ تۇرۇپ، چارۋا بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. «قار - يامغۇر ياغسا سۇ ئۆتۈپ كېتەتتى، بوراندىن دالدىلانغىلى بولمايتتى.» نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن ئورازخان ئۈمىدنى كۆردى. 850تىن ئارتۇق ئائىلە، 3300دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كىردى، ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا خېپىڭ مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلدى.

«كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش» بىرىنچى قەدەم، يەنە «مۇقىم تۇرالايدىغان» «بېيىيالايدىغان» بولۇش كېرەك. كۆچۈرۈلىدىغان ئاممىنىڭ نامرات كەپىدىن كۆچۈپ چىقىشىغا ياردەم بېرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، شۇ جاي كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا پائال جەلپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئورازخان بازاردىكى يەسلىدە تەربىيەلىگۈچى بولۇپ ئىشلىدى، ئېرى يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلدى، يەر ئوبوروت ھەققىنى قوشقاندا، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر يىلدا 66 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدۇ.

تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن بولدى، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىلدى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلەندى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭ شەھەر - بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 675 مىڭ 600 نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخىغا خاتىمە بەردى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئۇلان دانداغاي كەنتىگە كىرگىنىمىزدە، رەتلىك ئۆيلەر، تۈپتۈز كەتكەن يوللار كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. قۇملۇققا يېقىن بولسىمۇ، 850 مو كېلىدىغان ئېھاتە ئورمىنى قۇم - بوراننى توسۇپ تۇرغاچقا، كەنت ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، مەيدانغا ھەر خىل چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى قويۇلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئارام ئېلىپ كۆڭۈل ئېچىۋاتاتتى، بالىلار خۇشال - خۇرام قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى... بۇ جاينىڭ ئىلگىرىكى ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ھەممە يەر پاتقاق بىلەن قاپلانغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس ئىدى.

2017 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەش مەركىزىگە جايلاشقان ئۇلان دانداغاي كەنتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. «يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، كادىرلار، ئامما ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، 80 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاپەتتىن كېيىنكى 210 ئائىلىنىڭ 16 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئۆيىنى قايتا سېلىش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تاماملىدى» دېدى كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى باتىردورجى.

كەنت ئاھالىسى جى . نەيدمە دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئائىلە. ئۇنىڭ يېڭى ھويلىسىغا كىرگىنىمىزدە، ئالدى ھويلىغا كۆكتات تېرىلغان، ئۈزۈم تىكىلگەنلىكىنى، ئارقا ھويلىغا مېۋىلىك دەرەخ تىكىلگەنلىكىنى، ئۈچ ياتاق، ئىككى زاللىق يېڭى ئۆيدە سۇلۇق ھاجەتخانا، سۇ ئىسسىتقۇ قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. «ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتىمىز، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ ئىشلىمىسەك بولمايدۇ!» جى . نەيدمەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى 50 نەچچە مو يەرگە كېۋەز تېرىپ، 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىپتۇ، يەنە 30 قوي بېقىپتۇ، بۇنىڭدىن كىرىمىنى 15 مىڭ يۈەن ئاشۇرالايدىكەن.

بالىسىنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، بىڭتۇەن 3 - شىسى تۇمشۇق شەھىرى 51 - تۇەن 6 - ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى ئىلياس ئابلەت ئىككى قوشنىسىنى ئۆيىنىڭ مېھمانخانىسىغا چاقىرىپ كىردى، تام تەرەپكە بىر پايپاق توقۇش ئۈسكۈنىسى قويۇلغانىدى. بۇ ئۈسكۈنىنى شەھەرلىك سانائەت باغچىسىدىكى بىر پايپاق توقۇش كارخانىسى ھەقسىز تەمىنلىگەن بولۇپ، كارخانا يېرىم تەييار مەھسۇلاتنى ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئۇلار ئۆيدە ئىش قىلىدۇ، ئۆيدىن چىقمايلا پۇل تاپالايدۇ.

خۇشال - خۇرام ئىشلىگەندىلا خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدۇ. ئىلياسنىڭ ئۆيى بۇ ليەننىڭ مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدا بولۇپ، 49 يۈرۈش ئۆي يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەتلىك جايلاشقانىدى، ھەممە ئائىلىنىڭ ھويلىسى، ئىشىك ئالدىدا يەنە بىر پارچىدىن كىچىك كۆكتاتلىقى بار. شۇ جاينىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇ مېھمانخانىسىنى ئائىلىۋى ھۈنەرخانىغا ئۆزگەرتتى. «ناھايىتى راھەت تۇرىۋاتىمىز، ئەڭ ئاچقۇچلۇقى پۇل تېپىش پۇرسىتىمىز بار بولدى، بىر ئۈسكۈنە بىلەن ئۈچ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ».

بىڭتۇەن 14 - شىسى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئەنجۈر ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئەنجۈرلەر مەي باغلاپ پىشقان بولۇپ، بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. پارنىكتا نامرات ئاھالە خەيرىگۈل مەمەت ئىشداشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. ئۇ ئوراپ قاچىلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ھەر ئايدا 2500 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. «ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرسەك، ئاندىن تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈنلىرىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلىيالايمىز!» خەيرىگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، ئۇ تېخنىكلاردىن مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىشنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، تىرىشىپ تېخنىكا تايانچىسىغا ئايلىنىشنى ئويلاۋېتىپتۇ.

(خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى چاڭ چىن، لى يانەن، ياڭ شۈ، چېڭ لۇڭ، ئارداق)

(9 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى