تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قەشقەر: قەدىمىي شەھەر ئاۋاتلاشتى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تېمىسىدىكى چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرى «گۈزەل يۇرت-ماكان»نىڭ ئارتىس، خىزمەتچىلىرى قەدىمىي شەھەرنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا كۆرۈنۈش ئالماقتا(9-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ___ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر بارغانسىرى كۆپەيدى. 9-ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭدا ئۆلكە، شەھەر ھالقىپ ساياھەت قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز بولدى.

  2010-يىلى، جەمئىي 7 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلانغان، «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە» ۋە «ئەسلىي قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىش»تەك ئۆزگەرتىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنى زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى ساقلاپ قېلىنغان. قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا پۇقراۋى قونالغۇ ئائىلە زىيارىتى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش، خاس ئېسىل تائاملارنى تېتىپ كۆرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش تۈرلەر ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى قەدىمىي شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىنغان.(جاۋ گې فوتوسى)

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تېمىسىدىكى چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرى «گۈزەل يۇرت-ماكان»نىڭ ئارتىسى دەم ئالماقتا(9-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر «100 يىللىق چايخانا»دا چاي ئىچكەچ دەم ئالماقتا.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئاھالىسى باغچى كوچىسىدا كېتىۋاتماقتا.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئاھالىسى سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا(9-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر كىچىك كوچىدا، بوۋىسى نەۋرىسىنىڭ ئاياغ بوغقۇچىنى چىگىپ قويماقتا(9-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).
مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل