تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆڭۈللەر يورۇدى − دەۋرنىڭ باھار شامىلى قەلبلەرنى سىيپاپ ئۆتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا، قىز - يىگىتلەر ئۇسسۇل ئويناپ ئويۇننى باشلىدى؛ يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدىكى كۆكتات پارنىكلىرىدا، تېخنىكلار كەنت ئاھالىلىرىگە چاتاش، ئۇچىنى ئۈزۈشنى قولمۇقول ئۆگەتمەكتە؛ گۇما ناھىيەسىدىكى شاخلىرى مېۋىگە تولغان چىلانزارلىقلاردا، كەنت ئاھالىلىرى سىنغا ئېلىپ دوۋيىندا تارقىتىش بىلەن ئالدىراش... بۇ كۆرۈنۈشلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقىسىدىكىسى جەنۇبىي شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشى ۋە قارىشىنىڭ يېڭىلىنىشىدۇر. جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى.

بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زامانىۋى ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتقان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا پائال ئىنتىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈۋاتقان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، كۆڭلى يورۇدى.

كەنتنىڭ كەيپىياتى ياخشىلاندى

«قول بېغىشىڭنى ئوينات، مۈرەڭنى ئات، رىتىمغا ئەگىشىپ پىرقىرا...» 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سەھەردە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى باغچى كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ چوڭ قورۇسىدا، ئارزۇگۈل روزىمەمەت ئۇسسۇل ھەمراھلىرى بىلەن پات ئارىدا كۆرسىتىدىغان ئويۇننى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. «بىز يېڭى ناخشا <گۈزەل قاراساي>غا ئۇسسۇل ئوينايمىز، بۇ ناخشىدا بۈگۈنكى كۈندىكى بەختلىك تۇرمۇش كۈيلەنگەن، بىز ئۇسسۇلىمىز ئارقىلىق جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچىمىزنى نامايان قىلىمىز، يۇرتداشلار كۆرسە چوقۇم ياقتۇرىدۇ» دېدى ئارزۇگۈل.

كىچىكىدىنلا ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان ئارزۇگۈل بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ تايانچ ئەزاسى. «ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئۇسسۇل ئويناش ئۇياقتا تۇرسۇن، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرسەكمۇ بولمايتتى» دېدى ئارزۇگۈل ئەسلەپ. ھازىر كەنت قىياپىتى ئۆزگەردى، كەيپىيات بارغانسېرى ياخشىلاندى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. «بازىرىمىزدىكى ياشلار يەنە رادىيو پىروگراممىسى <قاراساي ئاۋازى>نى ئاچتى، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى، قانۇن - نىزام قاتارلىقلار تارقىتىلىدۇ، يەنە ئەتراپىمىزدىكى ئۈلگىلەرنىڭ ھېكايىسى ئاڭلىتىلىدۇ، مەن نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى ئارزۇگۈل.

مەنىۋى ئوزۇق ئالغان ھەر مىللەت ئامما يېپيېڭى قىياپەتتە جاسارەت بىلەن تەرەققىي قىلماقتا.

ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يېتەرلىك بولدى

«ئارزۇگۈل مۇدىر، سىز مېنىڭدىن ئىمتىھان ئېلىپ بېقىڭ، يېقىندىن بۇيان مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەمدە ئىلگىرىلەش بوپتىمۇ - يوق؟» 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل بازىرى قۇرباغ كەنتىدىكى دەرسخانىدا، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە كەنت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى ئارزۇگۈل قۇرباننىيازدىن تەلىم ئېلىۋاتاتتى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئارزۇگۈل تېخى دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلىيەلمەيتتى.

«بالام تاپشۇرۇق ئىشلىسە، دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى ئوقۇسا، مەن پەقەتلا يېتەكچىلىك قىلالمايتتىم.» ئارزۇگۈل دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان، 2016 - يىلى، كەنتتە دۆلەت ئورتاق تىلى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلغاندا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتقان. ئۇ يەنە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئۈن - سىن ئۆگىنىش ماتېرىيالى، كارتون فىلىم دىسكىسى سېتىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئەگىشىپ ئۆگەنگەن.

تىرىشچان، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئارزۇگۈل خىزمەت ئەترىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، زاپاس كادىر قاتارىدا تەربىيەلەنگەن. ئۇ يەنە كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلانغان. «مەن كىشىلىك ھايات يولۇمنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى ئارزۇگۈل.

جەنۇبىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان مەدەنىيەت بىلىمىنى ئاشۇرۇش، ئەمگەك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە كەڭ تەربىيەلەش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئەمگەك ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا يىلدا تەربىيەلەنگەن ئادەم سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 451 مىڭ 400 ئادەم قېتىمغا يەتتى. تەربىيەلىنىشكە قاتناشقان ئادەملەر ئاز دېگەندىمۇ بىر تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ياكى مەخسۇس تۈردىكى كەسپىي ئىقتىدار گۇۋاھنامىسى ئېلىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

يېڭىچە دېھقانلار كۆپەيدى

يۇرتداشلارغا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ماھارىتى، يېڭى ئورالما لايىھەلەش، تور دۇكىنى ھەۋەسكارلىرىنى كۆپەيتىشنى ئۆگىتىش... بۇ بىرنەچچە كۈندە، قەشقەر يىجيارېن ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئاناخېنىم ئەلى ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ئاناخېنىم پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرىدىن بولۇپ، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە كىرىمى مۇقىم خىزمىتى بار ئىدى.

«2013 - يىلى يۇرتقا قايتىپ تۇغقان يوقلىغاندا، مەن يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشنىڭ بەك چوڭلۇقىنى، ناھايىتى كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم.» ئاناخېنىم يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىشنى يېڭى مېۋىلەرنى سېتىشتىن باشلىدى، ئاندىن كەنت ئاھالىلىرىگە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماھارىتىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە مال ساتقۇزدى.

ئاناخېنىم يەنە كەسپىي بىۋاسىتە كۆرسىتىش رىياسەتچىلىرىنى تەربىيەلەپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە نەق مەيداندا بىۋاسىتە كۆرسەتتى. «مەن بارلىق ئىقتىدارىمنى ئىشقا سېلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەجرىبىلىرىمدىن كۆپچىلىكنى تەڭ بەھرىمەن قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىمەن» دېدى ئاناخېنىم.

مۇشۇ ئىككى يىلدا، ئاناخېنىمغا ئوخشاش مۇشۇنداق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋاسىتىچىلىرى، يېزا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەش باشلامچىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. ئالاقە تورى يېزىلاردىكى «كۈن چىققاندا ئىشلەيدىغان، كۈن پاتقاندا ئارام ئالىدىغان» ئەنئەنىۋى شەكىلنى تېز ئۆزگەرتتى.

ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىلگىرى چەت، يىراق بولغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇردى، توسالغۇ ۋە ئارىلىق قالمىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدا، ئېتىز باشلىرىدا، بارغانسېرى كۆپ كىشى ئاناخېنىمغا ئوخشاش تور بىلەن ھەپىلىشىدىغان «يېڭى دېھقان»غا ئايلاندى. كۆڭۈللەر يورۇدى، قىياپەت ئۆزگەردى، تۇرمۇشمۇ زامانىۋىلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى