شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرى تىلغا ئېلىنسا، سىز نېمىلەرنى ئەسكە ئالىسىز؟
يول ماڭغاندا پۇرقىراپ ئۆرلەيدىغان توپا - چاڭلارنىمۇ ياكى كەنتتىكى رەتسىز سېلىنغان ئۆيلەرنىمۇ ۋە ياكى قوتاندىن قېچىپ چىقىپ قالايمىقان چېپىپ يۈرگەن قوي - كالىلارنىمۇ؟
ھېچقايسىسى ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر قىلسىڭىز، قۇملۇقتىكى گۈزەل توغراقلارنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە كۆڭۈل قويۇپ بېزەلگەن دېھقانلار ھويلا - ئارانلىرىنى ھەمدە پاكىز، رەتلىك يۇغۇشتۇرۇلغان مېھمانخانا، ئاشخانا ئۆيلىرىنى كۆرەلەيسىز، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە قەد كۆتۈرگەن كىچىك كەنتلەرنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، «مىڭ كەنتنى ئۈلگە قىلىپ تىكلەش، ئون مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
مۇھىت گۈزەللەشتى، قىياپەت گۈزەل تۈسكە كىردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەربىر كەنت «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ساقلاپ قالىدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلايدىغان» ياخشى جايغا ئايلانماقتا.
مۇھىت پاكىزلاندى يېزىلارنىڭ ھەممىلا يېرى گۈزەل تۈسكە كىردى
تەكشى، تۈز كەتكەن كەنت يوللىرى، پاكىز ھويلا - ئارانلار، سالقىنلىق بېغىشلايدىغان ئۈزۈم كارىدورلىرى، نېلۇپەر گۈللىرى لەيلەپ تۇرىدىغان كۆلچەكلەر، يەنە يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تەسىرلىك رەسىملەر سىزىلغان مەدەنىيەت تاملىرى... لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى قوچاقئېرىق كەنتىگە كەلسىڭىز، بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىسىز.
9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سەھەردە، قوچاقئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل مەمەت بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقنى باشلىدى. ھويلا - ئاراندىكى يەرگە چۈشكەن غازاڭلارنى سۈپۈرۈپ، ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ يۈزىدىكى توپا - چاڭلارنى سۈرتتى. ئۇ ئاددىيلا ناشتا قىلغاندىن كېيىن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، شۇ كۈنلۈك دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ تاماق - سەيلىرىنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
شۇ كۈنى شەنبە ئىدى، ھەممە ئائىلە پات ئارىدا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى، گۈزەل كەنت يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى، بۇ جاي لوپ ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپىغا ساياھەتكە چىقىدىغان «توردا ئالقىشلانغان چوقۇم بارىدىغان جاي»غا ئايلانغانىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئولتۇراق مۇھىتنى رەتكە سېلىپ تۈزەشنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ كۆلەمدە چاقماي، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلماي، بەلكى دېھقانلار ئۆزى قول سېلىپ قىلالايدىغان، ئاسان يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئاسان ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان كەنت مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشتىن قول سېلىپ، ھەم تازىلىق مۇھىتىنى تۈزىدى، ھەم كۆپچىلىكنىڭ مۇھىتنى ئاسراش، مۇھىتنى قوغداش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىشەنچى كۈچەيدى.
بۈگۈنكى كۈندە، شۇنى روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇكى، ياخشى مۇھىت جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ قىياپىتىنى سىرتىدىن ئىچىگىچە ئۆزگەرتمەكتە. يېزىلاردىكى قاتار كەتكەن ھويلا - ئارانلار گەرچە بەك ئېسىل بولمىسىمۇ، لېكىن كىشىگە پاكىز، رەتلىك تەسىر قالدۇرىدۇ. كەنت قىياپىتىنىڭ ياخشىلىنىشى نامرات ئاممىنىڭ روھىنى ئۆستۈردى، كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلىنىش ئىشەنچى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئاشتى، زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى.
ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتى يېشىل تەرەققىيات مودىغا ئايلاندى
9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى دولان يېزىسى ئۈستىنكى دولان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرىمان مامۇت ئۆيگە كېلىپلا قولىدىكى ئىككى قۇرۇق ئىچىملىك بوتۇلكىسىنى ئىشىكى ئالدىدىكى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىدى، بۇ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ يىغىۋالىدىغان مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئەخلەت تۇڭى بولۇپ، ئىچى قۇرۇق ئىچىملىك بوتۇلكىسى، ئورىما قەغەز قاتارلىق يىغىۋالغىلى بولىدىغان ئەخلەتلەر بىلەن توشقانىدى.
«بىز يىغىۋالغىلى بولىدىغان ئەخلەتلەرنى كەنتتىكى ئالماشتۇرۇش نۇقتىسىغا ئاپىرىپ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا تېگىشىپ، ئەخلەتلەرنى كېرەكسىز نەرسىدىن گۆھەرگە ئايلاندۇردۇق.» نۇرىمان مۇنداق دېدى: ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈستۈنكى دولان كەنتىنىڭ كەنت قائىدىسى ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈلدى، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، يىغىۋالغىلى بولىدىغان ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى.
مۇخبىرنىڭ ئاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىككى يىلدا، ئاۋات ناھىيەسى دېھقانلارنى چىرىيدىغان ئەخلەت، كۆيدۈرگىلى بولىدىغان ئەخلەت، قۇرۇلۇش ئەخلىتى، يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئەخلەت، زىيانلىق ئەخلەتتىن ئىبارەت بەش تۈر بويىچە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشقا ھەم يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەخلەتلەرنى تازىلاش - توشۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەخلەت ئومۇمىي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ۋە تۈزەش تەننەرخىنى ئازايتىش مەقسىتىگە يەتكەن.
نۆۋەتتە، ئۈستۈنكى دولان كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنمىغان كۈندىلىك تۇرمۇش ئەخلەت مىقدارى مۇھىت تۈزەشتىن ئىلگىرىكىدىن %90 ئازلىدى، ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇنىۋېرسال تەننەرخى تەخمىنەن %45 تۆۋەنلىدى، ئەخلەت ئازايدى، مۇھىت پاكىزلاندى، كەنت ئاھالىلىرى ھويلا - ئارانلاردىكى ئىلگىرىكى تاشلىنىپ قالغان بوش يەرلەردىن پايدىلىنىپ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۆينىڭ ئالدى - كەينىدىكى پارچە - پارچە ياپيېشىل كىچىك كۆكتات ئېتىزلىرى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىنى موللاشتۇردى، يەنە كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى ئاچتى.
دېھقانلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى ئۆسۈۋاتىدۇ، يېزا مۇھىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەرىكىتىمۇ تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەنت تازىلىق ھەرىكىتى خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەنت مۇھىتىنى تۈزەشتە ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى، كەنت مۇھىتى گۈزەللىشىش بىلەن بىللە، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى پەرقمۇ ئۈزلۈكسىز كىچىكلىدى.
جەلپ قىلىش كۈچى كۈچەيدى ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يېڭى مۇنبەت تۇپرىقى يارىتىلدى
كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ تاشمىلىق يېزىسى ئاياغ سېرىقئاتا كەنتى قاراقۇرۇم تېغى ئېتىكىدىكى گۈزەل كەنت، گەز دەرياسى بۇ يەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ.
گۈزەل مەنزىرىلەر ئىچىدە، يەنە كەنت ئاھالىسى مەخەت مامۇتنىڭ ئاشخانىسىدىن چىققان مەززىلىك تاماقنىڭ ھىدى بار. پولۇ، پېتىر مانتا... كىشىلەرنىڭ مەخەتنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن، ئۇ ئاشخانا ۋە پۇقراۋى قونالغۇ ئاچتى.
مەخەت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى پەقەت يەر تېرىشقىلا تايىناتتىم، كىرىمىم ئىنتايىن چەكلىك ئىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ھويلامنى ۋە ئۆيۈمنى رېمونت قىلىپ، ئاشخانا ۋە پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندىم، بۇلتۇر ئائىلەمدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاياغ سېرىقئاتا كەنتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى. يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «ئالتۇن تاۋاق»قا ئايلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئاياغ سېرىقئاتا كەنتى ئىشلىتىش كۆلىمى 1300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت قاتارلىق فۇنكسىيەلەر بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭىبازار كەچلىك بازىرىنى قۇردى، ئۇزاق يىل رېمونتسىز قالغان سۇ تۈگمىنىمۇ قايتا چۆرگۈلىدى، ساياھەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قىلدى.
بۇ يىل كەنت بازىرىدا سېتىش سوممىسى 700 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرى سىرتقا 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سېتىلدى، كەنتنىڭ يەرلىك تۇخۇم، ئۇن، ئۆرۈك قېقى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ساياھەتكە تايىنىپ تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندى، مۇھىتنىڭ پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
گۈزەل يېزا - كەنتلەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە سىرتقا چىققان ياشلارنى يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى.
يېپيېڭى مۇھىت، پۈتۈنلەي يېڭى تۇرمۇش. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، تەسەۋۋۇرغا تولغان يېڭى ئۈمىد يېتىلدۈرمەكتە.