تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شىنجاڭ ئاقچى: 10 مىڭ مو جىغان مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى

  ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسى قاراچى يېزىسىدىكى 10 مىڭ مو جىغان مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. مەي باغلاپ پىشقان جىغانلىق چۆل-جەزىرىنى ئالتۇن رەڭگە بويىدى. دېھقانلار ئۈزۈش، قاچىلاش، ئېغىرلىق ئۆلچەش، ھوسۇل يىغىش بىلەن ئالدىراش بولدى. قاراچى يېزىسىنىڭ جىغان مو بېشى مەھسۇلاتى 200 كىلوگرامغا يەتتى، شۇ جايدىكى دېھقانلار مېۋىنى شېخى بىلەن ۋە ساپ مېۋىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئۈزدى، ھەر كۈنى ئۈزۈش كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 يۈەنگە يەتتى، جىغان ئۈزۈش شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى.(لى شيا، ساۋ خەيجۈن فوتوسى)

《学习强国》 شىنجاڭ سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى