تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ ئىشىنى ياخشى خاتىرىلەيلى، ياخشى گەۋدىلەندۈرەيلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەممىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن، جان تىكىپ ئېلىشىشىدىن كەلگەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم ئاشتى، خەلق تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى، ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى... ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش مەردانە قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، تىيانشاننىڭ ئېتىكىدىن تارىم دەرياسى بويىغىچە، ھەممە يەردە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يۆگىمە رەسىمى ئاستا - ئاستا ئېچىلماقتا. بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىزدە «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بويىچە <100 شەھەر، 1000 ناھىيە، 10 مىڭ كەنتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى>» ئىستونى تەسىس قىلىندى، مۇخبىرلار قولىدىكى قەلىمى ۋە فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق دىققەتنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇش، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ھېكايىلىرىنى يېزىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى نامايان قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ ئىشىنى خاتىرىلەيدىغان، گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم، زور تەدبىر، كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇش تەلىپىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇدا تارقىتىشنى يېڭىلىق يارىتىپ قانات يايدۇرۇپ، چىن قەلب بىلەن ھېس قىلىش، پۈتۈن ھېسسىيات بىلەن يېزىش، ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسى داۋامىدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئىلگىرىلەش ھالىتى ۋە يېپيېڭى كەيپىياتنى ياخشى خاتىرىلىشى، ياخشى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.

قەلەم ۋە فوتو ئاپپاراتنى ئادەتتىكى پۇقرالارغا توغرىلاش، يېڭى دەۋردىكى كۈرەشچىلەرگە، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە توغرىلاش كېرەك. ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئەسلىي مەقسەت يۈكلەنگەن، ھاللىق سەۋىيە خەلققە مەنسۇپ. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش مۇساپىسىدە، ھەربىر ئىللىقلىققا تولغان، كۈچكە تولغان ھېكايىلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جۇش ئۇرۇپ بارلىققا كەلدى. ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ھەقىقىي، كونكرېت مىساللار، جانلىق شەخسلەر، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ۋەقەلىكلەر، دەۋر تۇيغۇسى، رېئاللىق تۇيغۇسىغا باي ئاخبارات تىلى ۋە ئىنچىكە، جانلىق ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ تەلىپىگە توغرىلىنىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلىنىشتەك كۈرەش قىلىش روھى ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلىنىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشنى ياخشى قىلىش كېرەك. «مېۋە يېگەندە شۇ مېۋىلىك دەرەخنى ئويلاش، سۇ ئىچكەندە سۇنىڭ مەنبەسىنى ئويلاش» كېرەك. بۈگۈن، بىز كۆرگەن شەھەر - يېزىلارنىڭ يېڭى قىياپىتى، ھېس قىلغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى تۇرمۇشى ھەرگىزمۇ يەككە - يېگانە مەۋجۇت ئەمەس، «ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدۇق.» ئاخبارات خىزمەتچىلىرى دەۋر يۈكسەكلىكى، ئىدىيە چوڭقۇرلۇقى ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىسىدىكى تۈپ سەۋەب، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىشى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشى، پارتىيەمىزنىڭ بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان، ۋەدىنى ئالتۇندىنمۇ قىممەت بىلىدىغان بوشاشماي ئىنتىلىشىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئېغىر نامراتلىقنى يوقىتىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

ھاللىق تۇرمۇش، 1000 يىللىق ئىزدىنىش، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دەل بۈگۈنكى دەۋردە. ئاخبارات خىزمەتچىلىرى دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا نامايان بولغان يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۈمىدنى ياخشى خاتىرىلەپ، ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن ئىبارەت تارىخىي كاتتا ئىشنى بىرلىكتە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى