تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغانلىق

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئەمگەك ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ماھىيەتلىك پائالىيىتى، ئەمگەك ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئىنسانلار مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئادەمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىق، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغانلىق.

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي ئەھۋالى، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇش قىلغان بىر قاتار تەدبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىت ھەقىقىي خاتىرىلىنىپ، جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشتەك قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى جانلىق نامايان قىلىندى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسەت سىستېمىسى يەنىمۇ تاكامۇللاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتى، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، تۇرمۇش سۈپىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، «ھەممە ئائىلىنىڭ بېيىش يولى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش» خىزمەت نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، تىنچ، ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالماقتا.

كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا باشتىن - ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تۈردە ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى تۈگەتتى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش كۈچلۈك ئارزۇسىغا لايىقلاشقان بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشتى، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلقئارادىكى بىر قىسىم كۈچلەر ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قارىشى ۋە جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، دۆلىتىمىز شىنجاڭىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قوش ئۆلچەم قوللاندى. ئۇلار پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى خالىغانچە كۆپتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى خىزمىتىگە قارا چاپلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى ئايرىۋېتىدىغان، بېكىنمە، قالاق نامرات ھالەتتە مەڭگۈ ياشايدىغان قىلىپ قويۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە قارىتىلغان ئەكسىيەتچىلىك بولۇپ، ھەققانىيەت، تەرەققىياتنى سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىشى كېرەك.

ئەمگەك تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمگەك بەخت يارىتىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، شىنجاڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنلىرى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ!

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ