تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «پەن - تېخنىكا تۈسى»نى ئالدى

− ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسىغا كىرىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رايىدە

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىدە توشۇلىدىغان يۈكلەرنى قاچىلىماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى)

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ يىغىلىش مەركىزى مەيدان - ۋوگزالىدا، كۈندىلىك بۇيۇملار لىققىدە قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «تولۇق جابدۇنۇپ يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلغانىدى».

«سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە پويىز قوزغىلىدۇ، بۇ نۆۋەتچى پويىز قازاقىستانغا قاتنايدۇ، نۆۋەتچى پويىزغا دائىر بارلىق ئۇچۇرلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسىدا كۆرسىتىلىدۇ» دېدى شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جوۋ كەي.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسى قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەن. 2016 - يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئون ئاي ئالدىنقى مەزگىللىك سىناش ئارقىلىق، بۇ يىل 6 - ئايدا رەسمىي تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلۈپ تىجارەت باشلىغان.

مۇخبىر ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسى چوڭ ئېكرانىدىن شۇنى كۆردىكى، مەيلى چېڭدۇدىن تىلبۇرگقىچە، ۋۇخەندىن دۇيسبۇرگقىچە، جېڭجوۋدىن ھامبۇرگقىچە بولغان بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى پويىز بولسۇن، ياكى لودزدىن چېڭدۇغىچە، ھامبۇرگتىن جېڭجوۋغىچە، دۇيسبۇرگتىن جېڭجوۋغىچە قاتارلىق قايتىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى پويىز بولسۇن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جۇڭگو - ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش ئەھۋالى روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى، پويىز نومۇرى، ۋاگون نومۇرى، ئامبار نومۇرى، ماللارنىڭ نامى، ئېغىرلىقى، بوش ۋاگون قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى.

چوڭ ئېكراندا، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شۈجوۋ شىمالىي ۋوگزالىدىن يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئۈرۈمچى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز يىغىلىش مەركىزىگە يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى سەككىز بوش ۋاگونى بارلىقى كۆرسىتىلىپ تۇراتتى، بۇ، ئۈرۈمچىدە ئالدىنئالا يۈك مەنبەسىنى تەشكىللەپ، بۇ تەييار پويىز بىلەن ھامبۇرگقا بېرىشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

«ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسى بار بولغاندىن بۇيان، ئوخشاش بولمىغان مەنبەدىن كەلگەن يۈكنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە يىغىلىپ، بىزگە ئىنتايىن زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى، ئۈنۈمىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى» دېدى ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى نيې خۇڭلياڭ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىلگىرى ئېلېكتىرونلۇق خەلقئارا بىرلەشمە توشۇش تالونى قولدا يېزىلىدىغان بولۇپ، بىر دۆلەتكە بارغاندا شۇ جاينىڭ يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنىدىكەن، بۇنىڭدا ھەم كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن، ھەم ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىدىكەن، يەنە پۇل مۇئامىلە خاراكتېرى ھازىرلانمايدىكەن. ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسىدا، ئامبار تالونى چېگرا سىرتىدا ئالماشتۇرۇلغاندا سىستېما ئارقا سۇپىسىدا ئاپتوماتىك كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىدىغان بولۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلگەن، يەنە قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى تۆمۈريول ئامبار تالونى پۇل مۇئامىلە خاراكتېرىنى ھازىرلىغان بولۇپ، رەنىگە قويۇش ئىسپاتى قىلىنىپ، بانكىدىن پۇل قەرز ئېلىشقا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.

«ئۇچۇر بىرىكتۈرۈلگەچكە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ <رەقەملىشىشى> ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ ۋاگون زاكاز قىلىشى، يۈك قاچىلىشى ۋە ئاز مىقدارلىق ماللارنى <يىغىپ توپلىشى - يىغىپ توشۇشىغا> قولايلىق يارىتىلدى. بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، تاموژنىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى جەھەتتە <بىر قېتىم ۋاگوننى ئېچىش، بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ دەلىللەش، ئايرىم - ئايرىم بىر تەرەپ قىلىش> ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇچۇرى ماس قەدەمدە يەتكۈزۈلدى، پورت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى <ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، قانۇن ئىجراسى بويىچە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش>نى ئىشقا ئاشۇردى، نۆۋەتچى پويىزنىڭ يۈك قاچىلاش - يۈك چۈشۈرۈش ۋە مەيدان ئالماشتۇرۇش قېتىم سانى ئازايتىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى» دېدى ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى نەرسە ئۇچۇر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ يى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ قاتناش تۈگۈنى مەركىزى ۋە سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ مۇھىم ئۈستىگە ئالغۇچىسى بولۇش سۈپىتىدە، ئىزچىل تۈردە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ.

«بىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى ۋوگزالغا كەلگەن ھامان خالىغان ۋاقىتتا يۈك قاچىلىيالايدىغان، يۈك چۈشۈرەلەيدىغان، يولۇچى توشۇش ئەندىزىسىدە يۈك توشۇيدىغان، يۇقىرى پەن - تېخنىكا، رەقەملىشىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشنى تىرەك قىلغان سۇپىغا ئايلاندۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە دۆلەت ئىچى ھەتتا <بىر بەلباغ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەيدان - ۋوگزالغا تۇتاشتۇرۇپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ تېخىمۇ راۋان، تېخىمۇ <ئەقلىي ئىقتىدارلىق> بولۇشىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى جوۋ كەي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى