تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى «نۆللەشتى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئۈچ ئاغرىق دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىر يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن مۇنداق دېدى: بۈگۈن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بىر كۈن بولدى، كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئارقىلىق، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، بىز يېنىك، ئېغىر كېسەللەرگە تەڭ تەدبىر قوللىنىش ۋە «تۆت بالدۇر» پىرىنسىپى بويىچە، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر خىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، كۆپ پەنلەر ماسلىشىپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش بىلەن پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، يېنىك تىپتىكى، ئادەتتىكى تىپتىكىلەرنىڭ ئېغىر تىپقا، خەتەرلىك ئېغىر تىپقا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېغىر تىپتىكى، خەتەرلىك ئېغىر تىپتىكى ئاغرىقلارغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر ھەر كۈنى كېسەلخانا ئارىلاش، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى قوللىنىپ، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىپ ئايرىم داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردۇق، قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇددىتىنى قىسقارتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوختۇر - سېسترالار يۇقۇملانماسلىق، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 826، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 238 بولۇپ، جەمئىي 1064.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى