تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى: نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى كۈز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

جىمىسار ناھىيەسى چېشى قەدىمىي يول مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. سۈرەتنى سانجى گېزىتى تەمىنلىگەن

ساياھەتچىلەر جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا كۈزدىن ھۇزۇرلانماقتا. سۈرەتنى سانجى گېزىتى تەمىنلىگەن

ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. سۈرەتنى سانجى گېزىتى تەمىنلىگەن

ساياھەتچىلەر ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ساياھەت قىلماقتا. سۈرەتنى سانجى گېزىتى تەمىنلىگەن

ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا. سۈرەتنى سانجى گېزىتى تەمىنلىگەن

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، ساغلاملىق كودىنى كۆرسىتىش، چىراينى تونۇتۇش، ئارىلىق ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرۇش... 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

  9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بارلىق دالا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى (نۇقتىلىرى) دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىپ، نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى كۈز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

  فۇكاڭ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى يې خۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ تىيانشان بوغدا كۆلىگە كەلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، قىسقا سىن فىلىمىنى دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلارغا تارقىتىپ، تورداشلارغا گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلدى. «ئىشىكتىن كىرگەندە، خىزمەتچى خادىملار بەدەن تېمپېراتۇرىمىزنى ئۆلچەيدۇ، پات ـ پات دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرىدۇ، يەر يۈزىگە يەنە بىخەتەر ئارىلىقنى ئەسكەرتىدىغان كارتون چاپلاق چاپلانغان بولۇپ، بىزگە ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى» دېدى يې خۇڭ.

  «9-ئاينىڭ 2- ۋە 3-كۈنى ئىككى كۈندە، 3000غا يېقىن ساياھەتچى داكا قىلدى. ساياھەتچىلەر ئۇچرىشىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، خاتىرجەم ساياھەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز» دېدى شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات ـ تەربىيە، قانۇن ـ نىزام باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دۇەن رۇلى. ئىگىلىنىشىچە، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئېچىۋېتىش ۋاقتى سائەت 10دىن 19غىچە بولۇپ، ساياھەتچىلەر ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا راست نام تۈزۈمى بويىچە ۋاقىتقا ئايرىپ بېلەت سېتىۋېلىشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن.

  ھازىر سانجى ئوبلاستىدىكى 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 19 دالا ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. سانجىغا ساياھەتكە كەلگەندە پەقەت ساغلاملىق كودى بولسىلا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتسىلا بولىدۇ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ھاجەتسىز، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاممىۋى سەھىيە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  «تۈرلۈك مۇلازىمەت، كاپالەتنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستى ساياھەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەرنى سىجىل يولغا قويدى، مەسىلەن، ئوبلاست، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمال بېلىتىنى داۋاملىق تارقاتتى، بەزى مەنزىرە رايونلىرى تېببىي خادىملار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار قاتارلىقلارغا قارىتا كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويدى.» سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «ھازىردىن باشلاپ كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئوبلاست، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئورۇن 7 مىليون يۈەن مالىيە ئۆسۈم ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەت تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە،قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتنى پائال تەشۋىق قىلىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن باشلاپ، سانجى ئوبلاستى توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى شەكىللەر ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە 11 مىليون يۈەنلىك ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقاتقان، ساياھەتچىلەر «昌吉州文旅消之声» باشقۇرغۇچى تەرەپ تور بېكىتى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىغا ئەگىشىش ئارقىلىق «昌吉州文旅消费券» كىچىك پىروگرامما سۇپىسىغا كىرىپ ئالسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ