9-ئاينىڭ 6-كۈنى، تىيانشان رايونى ئەرداۋان يولى خالىمەر يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىدا، خېرىدارلار بىر ئادەم بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، تەرتىپ بىلەن غىزالانماقتا.
9-ئاينىڭ 6-كۈنى، خېرىدارلار دوستلۇق مودا مال سېتىۋېلىش شەھەرچىسى مەززىلىك تائاملار مەيدانىدا غىزالانماقتا.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى. 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، ئاشخانىدا غىزالىنىش ئەسلىگە كەلدى. ھەر قايسى يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاشخانىلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقى قاتارلىقلارنى قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەيدىغان ئىستېمالچىلارغا قارىتا تولۇق تەييارلىق قىلدى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
(مۇخبىر جياڭ شياۋ فوتوسى)