تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەندىكى بارلىق دالا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى

   بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ جۈن): 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ بىڭتۇەندىكى بارلىق دالا ساياھەت مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى) كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىغان ساياھەتچىلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ باسقۇچلۇق ئۈنۈمى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش باسقۇچىغا كىرىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەن. ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى قاتارلىق ساياھەتچىلىككە ئالاقىدار كارخانىلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنى»، «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىسى» قاتارلىق تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سورۇنلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاقىل ساياھەتكە تايىنىپ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئادەم ئېقىمى، ئاپتوموبىل ئېقىمى سانلىق مەلۇماتىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ساياھەتچىلەر، ئاپتوموبىللارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى ماسكا، ئىسپىرت قاتارلىق زۆرۈر بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   ھازىر دەل بىڭتۇەن ساياھىتىنىڭ ئالتۇن پەسلى. بىڭتۇەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى كەڭ ساياھەتچىلەرنى سەيلە-ساياھەت قىلىش بىلەن بىللە، شەخسىي مۇداپىئەنى پائال ياخشى ئىشلەپ، مۇناسىۋەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىپ، بىخەتەر ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاشنى ئەسكەرتتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى