تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشقا ئورۇنلىشىش «تاماق قاچىسى» چىڭ تۇتۇلدى

[تەھرىر ئىزاھاتى]

خەلق تۇرمۇشى بەختنىڭ ئاساسى، ئىناقلىقنىڭ ئاساسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «بەختلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرى» يۈرۈشلۈك خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي مۇساپىسىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۈزبەرگەن جەمئىيەت ئۆزگىرىشلىرى ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

«شىركەت تاماق، ياتاقنى كۆتۈرىدۇ، ھەر ئايلىق كىرىمىم مۇقىم، ئالدىنقى ئايدا ئىپادەم ياخشى بولغاچقا شىركەت مېنى بىر توڭلاتقۇ بىلەن مۇكاپاتلىدى.» رەخمىتۇللا يۈسۈپئەمەت ئاتۇش شەھىرىدىكى كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر كۆن - خۇرۇم كارخانىسىدا ئىشلەيدۇ. بۇ كارخانىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقان 200دىن ئارتۇق كىشى بار.

«مېنىڭكىگە ئوخشاش يېزا ئائىلىلىرىنىڭ ئىككى مو تېرىلغۇ يەردىن قىلىدىغان كىرىمى چەكلىك. خىزمىتىم بار بولغاندىن كېيىن، ئۆيۈمنى بارغانسېرى چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇپ، كۈنلىرىمنى خۇشال ئۆتكۈزۈۋاتىمەن. مەن چوقۇم تىرىشىپ ئىشلەپ، <تاماق قاچام>نى چىڭ تۇتىمەن» دېدى رەخمىتۇللا.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇنداق ئىشقا ئورۇنلىشىش ھېكايىلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىدە، شىنجاڭلىقلار يەنە شۇنى بارغانسېرى تونۇپ يەتتىكى، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇستەھكەم ئۇل تېشى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا. ئىشقا ئورۇنلىشىش مىليونلىغان ئائىلىگە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى تۇرمۇشىغا چېتىلىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتتى، راۋاجلاندۇردى. 2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەڭ مۇھىم، ئۇنى چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. تەرەققىياتنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇش، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانى» «شەھەر - بازارلاردىكى نۆل ئىشقا ئورۇنلاشقان ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىدى، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇردى.

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرمۇشنى ئۈمىدكە تولدۇردى

چوغدەك قىزىل پېچ ئېغىزى، ئېقىپ چىقىۋاتقان كالتسىي كاربىد، ئالدىراش ئىشلەۋاتقان پېچ ئىشچىسى. شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى توقسۇن نېڭخۇا چەكلىك شىركىتىنىڭ كالتسىي كاربىد سېخىدا پېچ ئىشچىسى تۇراپ سۇپۇر تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

تۇراپنىڭ ئۆيى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يامانيار يېزىسى مازار كەنتىدە. ئۈچ يىل ئىلگىرى ئاپتونوم رايوننىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا، ئۇ خوتۇنى بىلەن توقسۇن ناھىيەسىگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۈگۈنكى كۈندە ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ كىرىمىنى قوشقاندا، بىر ئايدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇراپنىڭ ئۆيىمۇ زامانىۋى تۈسكە كىردى، يېڭى ئۆيىنى بېزىدى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، سافالار تولۇق بولدى، يەنە سۇ ئىسسىتقۇچمۇ ئورناتتى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن يەنە توقسۇن ناھىيە بازىرىدىن بىريۈرۈش 80 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىنا ئۆي سېتىۋېلىپ، شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇش كەچۈردى.

يېزا - كەنتتىن شەھەرگىچە، دېھقاندىن ئىشچىغىچە، كېسەك ئۆيدىن ناھىيە بازىرىدىكى تۇرالغۇغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسىتى تۇراپ ئائىلىسىگە ئوخشاش نۇرغۇن يېزا ئائىلىلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى.

ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن - يەتمىگەنلىكتە، مۇھىمى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا قاراش كېرەك. ئادەم كۆپ، يەر ئۈنۈمسىز بولۇش، بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاينىڭ كىشىلىرىنى باقالماسلىق ئىلگىرى ئۇزاقتىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغان، شۇڭا نامرات ئاممىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال چارە ئىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشنى ئاساس قىلغان تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر، خوتەندە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى. بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقاردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

سىياسەتنىڭ پايدىسى خۇددى باھار شامىلى يۈزنى سىيپاپ ئۆتكەندەك، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرنى «بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇلار ئىشىكى ئالدىدىكى كەنت قۇرغان زاۋۇت، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار، ئاممىۋى مەنپەئەت ئىش ئورنى، قۇرۇلۇش ساھەسى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. مۇقىم خىزمەت، ئىشەنچلىك كىرىم بولغانلىقتىن، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئاساسىغا ئىگە بولدى.

يانچۇقتا پۇل بار بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. «مەن كەنتتە بىر ئۆمۈر ياشىدىم، ھازىر كەنت ئاھالىلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار كۆپەيدى، تاپاۋىتىمۇ كۆپەيدى، مودا كىيىنىپ، ياسىنىدىغان بولدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى پىكاپ سېتىۋالدى، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق. بەختىمىزگە يارىشا پارتىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى كەنتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى» دېدى كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرى باغۋەن كەنتىدىكى 85 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جامال مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

2014 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئىلگىرى ئاممىنىڭ تېخنىكا ماھارىتى كەمچىل ئىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن ئىدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خالىمايتتى، ھازىر ئامما ئاكتىپلىق بىلەن تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغان، ئاكتىپلىق بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان بولدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى، تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ياردەم بېرىش - يۆلەش ئىش ئورنى تۇرمۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى

شارت، شارت، شارت... 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جېمىنەي ناھىيەسى جىيۈن شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى سۈن شيۇفاڭ كوچىنى ئەستايىدىل سۈپۈرۈۋاتاتتى. «ئايلىق ئىش ھەققىم 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلارنىڭ ھەممىسى بار» دېدى سۈن شيۇفاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

سۈن شيۇفاڭنىڭ ئاددىي سۆزلىرىدىن چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇلتۇر، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ خىزمەت ئىزدىشىگە توغرا كەلدى، قىزى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرەتتى، ئۇ ۋە ئېرى پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. «ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭغا ئاممىۋى مەنپەئەت ئىش ئورنىنى تەۋسىيە قىلدۇق، بۇ يىل 1 - ئايدا رەسمىي ئىشقا چۈشتى» دېدى جېمىنەي ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چۈ شۇشيا.

بىر ئىش ئورنى بىر مۇقىم كىرىمدىن دېرەك بېرىدۇ، سۈن شيۇفاڭغا ئوخشاش مۇشۇنداق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن خادىملارغا نىسبەتەن، بىر ئىش ئورنى ئائىلە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ئاساس»قا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار ۋە نۆل ئىشقا ئورۇنلاشقان ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش - يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت، ئىش ئورنى بويىچە ياردەم بېرىش ۋە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەت ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە تايىنىپ، نۆل ئىشقا ئورۇنلاشقان ئائىلىلەردىكى ئىشسىزلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «بىر ئائىلە بايقالسا، بىر ئائىلىنى بېكىتىش، بىر ئائىلىگە ياردەم بېرىش - يۆلەش، بىر ئائىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملارغا قارىتا ئالدىن يۆلەش ۋە نۇقتىلىق ياردەم بېرىشنى يولغا قويدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملاردىن 49 مىڭ 100 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملاردىن 24 مىڭ 200 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %60.57ى ئورۇندالغان؛ نۆل ئىشقا ئورۇنلاشقان ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ھالىتى ساقلانغان.

«بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چىڭ تۇتتۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر راخمانجان داۋۇت مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت، ئىش ئورنى ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئادەمگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نۆل ئىشقا ئورۇنلاشقان ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

قىلىدىغان ئىشى، مۇقىم كىرىمى بولسا، ئاممىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ. «يېقىندا ئوغلۇم خىزمەت تاپتى، قىزىم سىچۇەن تاراتقۇ داشۆسىگە ئۆتتى، ياخشى ئىشلار كەينى - كەينىدىن ئۇلىشىپ كېلىپ، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى، ھازىر ھېچقانداق غېمىمىز يوق» دېدى سۈن شيۇفاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىشىلىك ھاياتنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇردى

بۇ يازلىق تەتىلدە ئەخمەتجان مەمەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەم قوبۇل قىلىش ئورنىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق ئىش يوق. ئەخمەتجان قەشقەر داشۆسىنىڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىدە مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئالىي مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت ئىزدەشكە باشلىغانىدى.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىليونلىغان ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى ۋە ئىلھاملاندۇردى.

بۇ يىل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىدىغان توردا تەكلىپ قىلىش سۇپىسىنى پائال قۇرۇپ، شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى تور بۇلۇتتا تەكلىپ قىلىش سۇپىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، توردا خىزمەت ئىزدەش، تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى.

مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، بۇ يىل 4 - ئايدا، ئەخمەتجان توردا دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى خوتەن توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاپ، 7 - ئاينىڭ بېشىدا يېزىقچە، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى.

ئەخمەتجاننىڭ ئۆيى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە بولۇپ، ئاتا - ئانىسى دېھقانچىلىق قىلاتتى، ئىنى - سىڭىللىرى مەكتەپتە ئوقۇيتتى. «ئەخمەتجاننىڭ خىزمىتى بار بولدى، ئائىلىمىزنىڭ يەنە بىر مۇقىم كىرىمى كۆپەيدى» دېدى ئەخمەتجاننىڭ دادىسى مەمەت ئاۋۇت ناھايىتى مەمنۇن بولغان ھالدا.

بۇ يىل ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە 24 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن 2000 كىشى قوبۇل قىلىنىدۇ، 100دىن ئارتۇق دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا 5000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىدۇ ... بۇ يىلقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر بارلىق ئاماللار بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مەخسۇس سىياسەت چىقاردى: بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك كەسپىي ئورۇنلار بوش قالغان ئىش ئورۇنلىرىغا %80تىن تۆۋەن بولماسلىق نىسبىتى بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىدۇ.

دەۋر تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان باشقۇرغۇچى، توردا ئۆگىنىش مۇلازىمەتچىسى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ۋاڭ داۋېي شىنجاڭ «دەرھال ئۇچۇش» ئاۋىياتسىيە مودېلى ھەرىكىتىنى ھېس قىلىش سارىيىنىڭ تىرېنېرى بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئاۋىياتسىيە مودېلى، چۇەنيۆجى ئايروپىلانى بويىچە تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. «جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنالىسام ھەم جەمئىيەت ئېقىمىغا يېقىندىن ئەگىشەلىسەم، تۇرمۇشۇم چوقۇم تېخىمۇ سۈپەتلىك بولىدۇ» دېدى ۋاڭ داۋېي.

كەسىپ سەھنىسىدە، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان، چېھرىدە ئىشەنچ نۇرى چاقناپ تۇرغان ھەربىر ياش كىشىلىك ھايات ئارزۇسى ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىش ئورنى بار بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش تۆۋەن چېكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، قولىدىكى «تاماق قاچىسى» مۇقىملاشتۇرۇلدى. تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ روھلاندۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا تۇتىشىدىغان داغدام يولغا قەدەم قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ