تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىش خاتىرىسى

− جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

بۇ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسى.

ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو ئالدى بىلەن دوكلات قىلىپ، ئالدى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى.

10 مىليون نوپۇسى بار چوڭ شەھەر توققۇز ئۆلكىگە تۇتىشىدىغان جايلاردا ۋۇخەندىن ئايرىلىش يولىنى تاقىدى؛ 40 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىم تولۇق قوراللىنىپ، كېچىلەپ تېزدىن ياردەم بەردى؛ 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگولۇق ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى... بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ باتۇرانە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرى، شۇنداقلا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇربان بېرىش ئىدى.

قىش ۋە ئەتىيازدىن ھالقىپ، ھايات ۋە ماماتنى باشتىن كەچۈردى.

بۇ قاينام - تاشقىنلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش» باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى تەڭشىدى.

باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو قەتئىي، كەسكىن جاسارىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مىسلىسىز جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توستى، ئىككى ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا يەرلىكتە كۈنىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىقلارنى بىر خانىلىق سان ئىچىدە تىزگىنلەپ، ئۈچ ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

جۇڭگو خەلقى بەرداشلىق بەردى! ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭگەندە، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى چوقۇم يېڭىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

بىز ئاخىر قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ چىقىمىز، ئىنسانلار ئاخىر يۇقۇم ئالۋاستىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ!

(مۇخبىرلار چېن فاڭ، ئەن بېي، بەي جيې، چۈ تىڭ، خۇ جې، خوۋ ۋېنكۈن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى