تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرىنچى سەپكە بارىمەن، ئەڭ خەتەرلىك جايغا بارىمەن

چاۋ جىن:

بىرىنچى سەپكە بارىمەن، ئەڭ خەتەرلىك جايغا بارىمەن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU2 ئاغرىقلار رايونىدا، دوختۇرخانىغا كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل ھوشسىز ياتقان 74 ياشلىق بوۋاي كۆزىنى ئېچىپ يېنىدىكى دوختۇرغا قاراپ كۆزىنى چىمچىقلاتتى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) خەلق تۇرمۇشى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ كۆز چاناقلىرى شۇئان قىزاردى، ئۇ خۇشال بولدى، تەسىرلەندى، روھلاندى... بارلىق ھېسسىياتى مۇشۇ دەقىقىدە ئېتىلىپ چىقتى.

بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، چاۋ جىن قۇيرۇق ئومۇرتقا سۆڭىكى يېرىلىش قاتارلىق ئاغرىق ئازابىنى يېڭىپ، يەنە بىر قېتىم جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ، «جەڭگاھ مۇخبىرى»غا ئايلىنىپ، ئىزچىل بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا چىڭ تۇردى.

ICU2 ئاغرىقلار رايونى چاۋ جىن بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن كىرگەن تۇنجى ئاغرىقلار رايونى بولۇپ، بۇ يەردە دوختۇرلار ئاغرىقلارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ - تىزگىنلەپ، ھەر ۋاقىت قۇتقۇزۇشنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەيتتى؛ سېسترالار ئارىلاپ - ئارىلاپ ئۇلارنىڭ بەدىنىنى بىر قېتىم ئۆرۈپ، دۈم ياتقۇزۇپ ھاۋا ئالماشتۇراتتى. «بۇ ئېغىر تىپتىكى، خەتەرلىك ئېغىر تىپتىكى ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاساس كېسىلى بار بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش بىلەن بىللە، دۆلەت يەنە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالىدى، بىرمۇ ئادەمدىن ۋاز كەچمىدى.» ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلغان بۇ بارلىق ئىشلار خۇددى قۇدرەتلىك كۈچكە ئوخشاش چاۋ جىننى ئالغا ئىلگىرىلەشكە دەۋەت قىلاتتى.

ئۇ خاتىرىلىگۈچى بولۇپ، ئەڭ زور مۇمكىنچىلىك ئىچىدە توغرا بولۇش، ھەقىقىي بولۇشقا ئىنتىلدى. يىل بېشىدا شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئاغزىدىن دائىم ئاڭلىغان ECMOنى بۇ قېتىم ئاغرىقلار رايونىدا كۆردى، چاۋ جىن دوختۇرلاردىن ECMOغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تەپسىلىي سورىدى. گەرچە بۇلار ماقالىگە يېزىلىشى ناتايىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ناتونۇش بولغان تېببىي بىلىملەرنى چامىنىڭ يېتىشىچە ھەزىم قىلغاندىلا، ئاممىغا بايان قىلىنغان مەزمۇن تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ سالمىقى بار بولىدۇ دەپ قارىدى. ھەر كۈنى سائەت 10 دا، چاۋ جىن خىزمەت پونكىتىدا پەيدا بولاتتى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش يىغىنىنى سىرتتىن ئاڭلايتتى، دوختۇر - سېسترالارنىڭ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزغان - داۋالىغان ھەربىر تەپسىلاتىنى تەپسىلىي كۆزىتەتتى.

يېزىق ئارقىلىق بايان قىلىش، سۈرەت ئارقىلىق ئىپادىلەش. 8 - ئاينىڭ باشلىرىدا، دوختۇر - سېسترالارغا ئەگىشىپ كېسەلخانىنى ئارىلىغان چاغدا، چاۋ جىن ئاغرىق ليۇ ھەدىنى ئۇچراتتى. «60 ياشقا كىرگەن ليۇ ھەدىنىڭ 40 يىللىق رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى كېسەللىك تارىخى، يەنە يۇقىرى قان بېسىم ۋە دىيابېت كېسىلى بار ئىدى. ئادەتتىكى ئاغرىقلار رايونىدا كېسەللىك ئەھۋالى ئۆزگىرىپ قېلىپ، ICU2 ئاغرىقلار رايونىغا يۆتكەلدى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوندىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ داۋالىشى بىلەن، يەنە ئادەتتىكى ئاغرىقلار رايونىغا قايتىپ چىقتى، ئاخىرىدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.» يىل بېشىدا «شىنجاڭ ئۇسسۇلى <فاڭساڭدا لەرزان ئۇسسۇل>» قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرى كۆپلەپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، چاۋ جىن يەنە «ليۇ ھەدىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش خاتىرىسى» قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىلانلاپ سۈرەتكە ئالدى، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ نەزەرى ئارقىلىق، «خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن ئىدىيە ھەمدە تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنى بىۋاسىتە نامايان قىلدى.

بىر كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چاۋ جىن باشتىن - ئاخىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشۋىقاتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئاممىغا يېقىن بولغان، ھېسسىياتقا تولغان، ئىللىقلىققا تولغان ئاخبارات خەۋەرلىرى ئارقىلىق ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتەك كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىدى. ئۇ ۋە باشقا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ھەربىر پارچە خەۋەر، ھەربىر يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتى ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەر ۋە ئاھالىلەرگە تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بىرىنچى سېپىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

ھەر كۈنى سەھەردە، چاۋ جىن ۋېيشىنغا قاراپ تۇرۇپ، گېزىتخانىنىڭ كېچىلىك ئىسمېنىدىكى تەھرىرلەر قايتما ئىنكاس قىلغان ماقالىنى تۈزىتىش پىكرىنى كۈتەتتى ھەم گېزىتكە چىقىدىغان ماقالىسى بىلەن سېلىشتۇراتتى، بىر كۈنلۈك خىزمىتى ئاخىرلاشقاندا، ھەمىشە سەھەر سائەت ئۈچ - تۆتلەر بولۇپ كېتەتتى. «سىلەر مۇخبىرلار دائىم يېرىم كېچىگىچە ئىشلەيدىكەنسىلەر، ھەقىقەتەن جاپا تارتىدىكەنسىلەر.» ھەر قېتىم دوختۇر - سېسترالارنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىدا، چاۋ جىن ناھايىتى تەسىرلىنەتتى، بۇ، دوختۇر - سېسترالارنىڭ ئاخبارات مۇخبىرلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنى ئىدى.

چاۋ جىن يازدىن كۈزگىچە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى، ھەر كۈنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىناتتى. ھەر قېتىم چارچىغاندەك ھېس قىلغاندا، ئاغرىقلارنىڭ دېرىزىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرۇپ يۈرەك ئىپادىسىنى كۆرسىتىۋاتقان كۆرۈنۈش ئۇنىڭ ھارغىنلىقىنى يوق قىلىۋېتەتتى؛ ھەر قېتىم ئۆيىنى سېغىنغاندا، ئالتە ياشقا كىرگەن قىزى سىزغان «ئەڭ گۈزەل ئانا» دېگەن بالىلار رەسىمى يەنە ئۇنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇراتتى. «گېزىتخانىنىڭ ماڭا ئىشىنىپ، مېنى بىرىنچى سەپكە ئەۋەتكەنلىكىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن؛ ئاتا - ئانامنىڭ ماڭا ياردەملىشىپ بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بەرگەنلىكىگە كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، شۇڭا مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن جەڭگە ئاتلىنالىدىم» دېدى چاۋ جىن.

8 - ئايدا چاۋ جىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالىنىپ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تەقدىرلەنگەن ئاخبارات مۇخبىرى بولۇپ قالدى. ئەسلىدە بېيجىڭغا بېرىپ تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولغان ئۇ يەنىلا بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا چىڭ تۇرماقتا، «گەرچە ئەپسۇسلانغان بولساممۇ، لېكىن پۇشايمان قىلمايمەن، مەن داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىققا تولغان ئاخبارات ئەسەرلىرىنى كۆپچىلىككە سۇنىمەن» دېدى چاۋ جىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ