تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسىدىكى پەن-تېخنىكىغا دائىر يارقىن نۇقتىلار

بۇ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش سىستېمىسى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، 2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى «پەن-تېخنىكا يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش» ئىدىيەسى بويىچە، كۆپ تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىشى ۋە بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ، يۇقىرى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا نەتىجىلىرىنى توپلاپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان «يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھېس قىلىش» توپلانغان تېخنىكا كاتتا زىياپىتىنى نامايان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى رېن چاۋ فوتوسى

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، تاماشىبىنلار مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا «نۇر ئۆتكۈزۈشچان تېلېۋىزور»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى رېن چاۋ فوتوسى

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، تاماشىبىنلار مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە، رايون، شەھەر مەخسۇس رايونىدا 48 مىليون پىكسېللىق كرېمنىي رادىكالى سۇيۇق كىرىستاللىق رەقەملىك ئوپتىك مەيدان ئۆزەك پىلاستىنكىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى

بۇ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان پۈتۈن رەڭلىك مەۋھۇم رېئاللىق رەقەملىك ئوپتىك مەيدان ئۆزەك پىلاستىنكا مودېل گۇرۇپپىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ماشىنا ئادەم نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سەي ياڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىزمەتچى خادىم مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى ئاممىۋى سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى مەخسۇس رايونىدا دۆلەت دورىگەرلىك گۇرۇھى جۇڭگو بىيولوگىيە كۆرگەزمە سۇپىسىدا ئالاھىدە خاس ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىننى كۆرسەتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ يۈۋېي فوتوسى

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسىدە 5G پونكىتى رادىيو چاستوتىسى بۆلىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا «قەھۋە ماشىنا ئادەم» بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى رېن چاۋ فوتوسى

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسىدە «چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى تيەنيەن CT»سىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا، خىزمەتچى خادىم ئاپتوماتىك يوللانما ئەۋەتكىلى بولىدىغان سەينياۋ يوللانما ئەۋەتىش ئىشكاپىنى كۆرسەتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سەي ياڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى