تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەنزىرە رايونلىرىدا ئېتىبار بېرىش كۆپ، ئوينىغىلى كېلىشىڭىزنى كۈتىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر ليەن شۆتىڭ خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋېتىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتى سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردى ھەم ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  9-ئاينىڭ 5-كۈنى، توقسۇ قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا، قۇملۇق دالا سەپىرى، ھەسەن-ھۈسەن سىيرىلما يولى، قۇم تېيىلىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. باي ناھىيەسىدىن كەلگەن ساياھەتچى قەيسەر تۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ قۇم تېيىلىپ ئوينىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى، خوتۇن-بالىلىرىمنى ئويناتقىلى ئېلىپ كەلدىم، بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى خۇشال ئوينىدۇق».

  نۆۋەتتە، بۇ مەنزىرە رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزى، ھاجەتخانا، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىق ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت سورۇنى، مۇلازىمەت قورالى قاتارلىقلارغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىشلەپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنى بىخەتەر، خاتىرجەم، ئازادە ساياھەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۈز، قىش پەسىللىك ساياھەت بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىدا تېببىي خادىملار، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىش؛ قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى، تيەنلەيجيايى مەنزىرە رايونىدا دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ئىشىك بېلىتىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىش؛ تاڭئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مەدەنىيەت باغچىسى، خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مەدەنىيەت باغچىسىدا كىرىش بېلىتىنى تولۇق كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى يولغا قويۇلدى.

  ئاۋات دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېببىي خادىملار، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرىنىڭ پۈتۈن يىلدا كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلدى، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نىڭ كىرىش بېلىتىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتتى.

  بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى پېڭ جىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى 9:30دىن 20:30غىچە ئېچىۋېتىلىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقىرى چېكى 10 مىڭ كىشى. مەنزىرە رايونى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەپ، ساياھەتچىلەرنى توپلىشىۋالماسلىق، ماسكا تاقاشقا پائال يېتەكلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ خاتىرجەم ساياھەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ».

  ئۇچتۇرپان يەنچۈەن تېغى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى بىخەتەر، خاتىرجەم مۇھىت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، دالا مەنزىرە رايونىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، خىزمەتچى خادىملارنى تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش، ساغلاملىقنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى.

  بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ روخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى 9:00دىن 20:00گىچە ئېچىۋېتىلىدۇ، ساياھەتچىلەر دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە يېرىم باھالىق ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ساياھەتچىلەر كىملىكى بىلەن ھەقسىز كىرەلەيدۇ. ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە، چوقۇم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ، ماسكا تاقىشى كېرەك».

  مۇخبىرنىڭ ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيەسى ساياھەت ئىستېمال بېلىتىنى داۋاملىق تارقىتىدىكەن. ساياھەت ئىستېمال بېلىتى ئالغاندىن كېيىن، تىيانشان تۆمۈر چوققا جىلغىسى، تىيانشان شېنمۇيۈەن باغچىسى، تىيانشان تۆمۈر چوققا پىڭتەيزى، پاقىلىق، غەربكە ساياھەت باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال بېلىتىنى پاقىلىق مەنزىرە رايونى يېمەك-ئىچمەك مەركىزى، جىنچياۋ مەدەنىيەت كەچلىك بازىرىدا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى