تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ مەكتەپكە كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شىن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ جىڭيى، يې سۈي، دىليار، ما يىجيا، جوۋ روشۈەن خەۋىرى، فوتوسى): «ئوقۇش باشلاندى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بەك سېغىندىم ...» ئوقۇش باشلىغان تۇنجى كۈنى، قومۇل شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 12-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شيې ياشۈەن بالدۇرلا مەكتەپكە كېلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ نورمال بولغاندىن كېيىن، مەكتەپ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان لىنىيەنى بويلاپ ئوڭۇشلۇق ھالدا سىنىپىغا كىرىپ كەتتى.

قومۇل شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 10-سىنىپتا ئوقۇتقۇچى سۈن ۋېنۋۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ قول يۇيۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەنمەكتە.

  9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئالدى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالدى بىلەن يۇقىرى يىللىقلار، ئاندىن تۆۋەن يىللىقلار تەرتىپ بويىچە تۈركۈمگە ئايرىلىپ، مۇۋاپىق ۋاقىت قالدۇرۇپ ئوقۇش باشلىدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، مۇددەتكە بۆلۈپ، تۈركۈمگە ئايرىپ، ۋاقىت ئايرىپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ مەكتەپ سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قايتىشقا ۋە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى.

  قومۇل شەھىرىنىڭ ئالدى بىلەن يۇقىرى يىللىقلار، ئاندىن تۆۋەن يىللىقلارغا ئوقۇشقا كىرىش تەرتىپى بويىچە تۈركۈمگە ئايرىپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارلىقى قالدۇرۇپ ئوقۇش باشلاش تەلىپىگە ئاساسەن، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، قومۇل شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 2-، 3-يىللىقىدا ئوقۇش باشلاندى، 9-ئاينىڭ 7-كۈنى تولۇق 1-يىللىقىدا ئوقۇش باشلاندى. قومۇل شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى جاۋ شۆبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوغدىنىش بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 40-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 1.5 مېتىر ئارىلىق تاشلاپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ مەكتەپكە كىرمەكتە.

  ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىق ھالدا ماسكا تاقاپ، 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاپ، تەرتىپ بويىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن مەكتەپ ھويلىسىغا كىردى ... 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 40-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز، تولۇق يىللىقىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپقا بۆلۈنۈپ، تۈركۈمگە ئايرىلىپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ تىزىمغا ئالدۇردى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 40-ئوتتۇرا مەكتەپ ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىغا «بىر ئادەمگە بىر تىزىملىك» ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ ھويلىسىدا يەنە سىنىپ پائالىيەت رايونىنى ئايرىيدىكەن.

  9-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 09:00 لاردا، كورلا شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغىلى كەلگەن تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەكتەپكە تەرتىپلىك كىردى. «مەكتەپكە قايتىپ كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا يەنە ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق بىر يېڭى تېمپېراتۇرا ئۆلچەش يولى تەسىس قىلىنىپتۇ، مۇئەللىممۇ بىزنىڭ 1.5 مېتىر بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلىشىمىزغا ھەيدەكچىلىك قىلدى» دېدى كورلا شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى جى شىنلىڭ.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك دەرس باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كورلا شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ مۇددەتتىن بۇرۇن «بوشلۇق دەرسخانىسى»دا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىق مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى سەپلەپ بەردى.

فۇكاڭ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى 9-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى ئۆتمەكتە.

   ئىگىلىنىشىچە، ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەر كۆپ خىل شەكىلدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان.

  ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ، تېجەشلىك بولۇش باش تېما قىلىنغان تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى رەسىم، مەدەنىيەت تېمى، رادىيو ۋە سىن كۆرۈنۈش شەكلى ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىردى.

  فۇكاڭ شەھەرلىق 2-ئوتتۇرا مەكتەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى مەكتەپنىڭ «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى»نىڭ جانلىق دەرسلىكى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەرگەندىن باشقا، يەنە ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ئالاھىدە «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ ئېلىپ كەلگەن مۇھەببەت ۋە تەسىرلىنىش، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا سوۋغا قىلغان «ئۆسۈپ يېتىلىش مۇراسىمى» توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى