تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭنىڭ يەرلىك راك، قىسقۇچپاقىسى بازارغا سېلىندى

بىر قىسىملىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋغا سېتىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): ۋېيشىن مال سېتىۋېلىش توپىغا ئۇلىنىش ئەۋەتىپ، راك، قىسقۇچپاقا كوللېكتىپ سېتىۋېلىندى، يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان يەرلىك راك، قىسقۇچپاقا ئۈرۈمچىدە ۋېيشىندا كوللېكتىپ سېتىۋېلىش ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇردى.

9-ئاي شىنجاڭنىڭ يەرلىك قىسقۇچپاقىسى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىنى بازارغا مەركەزلىك سېلىنىدىغان پەسىل. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىنى بېقىلىدىغان سۇ كۆلىمى 3000 مودىن ئاشىدۇ، ھازىر بۇ يەردىن كۆپلەپ تۇتۇپ بازارغا سېلىنىۋاتىدۇ.

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، سانجى شەھىرى تيەنيۈەن سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ باشلىقى دۇ ۋېنۋېي مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر كۈنى ئالتە كىشى راك تۇتىمىز، ئەتىگەندىن كەچكىچە توختاپ باقمىدۇق، بىر كۈندە ئىككى-ئۈچ توننا راك تۇتالايمىز، بۇ يىل جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىنىنىڭ سېتىلىش قىزغىنلىقى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى، <ئاشپاقا>لارنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن زور ئىكەن».

سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل سانجى ئوبلاستىدا ئىشلەپچىقىرىلغان جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىنىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1100 توننىدىن ئاشقان، 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە كۆلچەكتىن چىقىش مىقدارى 700-800 توننىغا يەتكەن، بازارنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىنىغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولغان.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى پەن تەتقىقات ئورنى ۋە بىڭتۇەن سۇ مەھسۇلاتلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىنى باقمىچىلىق رايونى ئاساسلىقى سانجى ئوبلاستى، بىڭتۇەن 6-شىسى، بىڭتۇەن 8-شىسى، بىڭتۇەن 7-شىسىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىنى مەھسۇلات مىقدارى 1500 توننىدىن ئاشىدىكەن. 

جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىنى بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى يەرلىك قىسقۇچپاقىلارمۇ كەينى-كەينىدىن بازارغا سېلىندى. «بىز قىسقۇچپاقا ساتقىلى 20 كۈن بولدى، ئاساسلىقى ئالتاينىڭ قىسقۇچپاقىسى بىلەن باغراش كۆلىنىڭ قىسقۇچپاقىسىنى ساتىمىز، ھازىر بىر قىسىم قىسقۇچپاقىنىڭ قىسقۇچپاقا تۇخۇمدېنى تولۇق يېتىلدى، ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 5-6 توننا قىسقۇچپاقا ساتالايمىز، %60نى مەھەللىدە كوللېكتىپ ساتىمىز.» شىنجاڭ جيۇدىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدىكى چوڭ سودىگەر جاڭ شىنرۇ شۇنداق دېدى.

ئالتاينىڭ قىسقۇچپاقىسى كۆك قاسراقلىق، قورسىقى ئاق.

ھازىر، جاڭ شىنرۇ ئاساسلىقى قىسقۇچپاقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىنىنى ساتىدۇ، راكنىڭ كۈنلۈك سېتىلىش مىقدارى 20 توننىغا يېتىدۇ، بۇمۇ ئاساسلىقى مەھەللىنىڭ ۋېيشىن توپىغا ئۇلىنىش ئەۋەتىپ، كوللېكتىپ سېتىۋالىدۇ، كوللېكتىپ سېتىش باشلانغاندا، راكنى قاچىلايدىغان ئوكسىگېنلىق ئاپتوموبىل مەھەللىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، نەق مەيداندا راك سۈزۈپ، كىلوگرام بويىچە ئايرىم قۇتىغا قاچىلايدۇ، شىركەتتىكى تەخمىنەن 100 ئادەم ھەر كۈنى، ھەرقايسى مەھەللىلەرگە بېرىپ راك ۋە قىسقۇچپاقا ساتىدۇ.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، بىر ئوكسېگىنلىق راك توشۇش ئاپتوموبىلى ئ‍‍ۈرۈمچى شەھىرىدىكى «ب‍‍ەيساۋيۈەن» مەھەللىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، نەق مەيداندا راك سۈزۈپ، ۋېيشىندىكى كوللېكتىپ سېتىۋالغۇچىلارغا سېتىپ بەرمەكتە.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى پەن تەتقىقات ئورنى ۋە بىڭتۇەن سۇ مەھسۇلاتلىرى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش باش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى قىسقۇچپاقا باقمىچىلىقى ئاساسلىقى ئالتاي ۋىلايىتى، بىڭتۇەن 10-شىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بىڭتۇەن 1-شىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بىڭتۇەن 3-شىسى قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل قىسقۇچپاقا مەھسۇلات مىقدارى 3000 توننىغا يېتىدىكەن.

شىنجاڭ قىسقۇچپاقىسى ئۆز جايىدا سېتىلغاندىن باشقا يەنە بىر قىسمى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، فۇجوۋ، خاڭجوۋ، ۋۇخەن قاتارلىق ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە سېتىلغان بولۇپ، يۇقۇم ۋە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل جياڭسۇ، خۇبېي قاتارلىق قىسقۇچپاقا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ مەھسۇلاتى كېمىيىپ كەتتى، بۇ شىنجاڭدىن چىقىدىغان قىسقۇچپاقىلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى بازارلارغا توشۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭنىڭ يەرلىك قىسقۇچپاقىسىنىڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا كىرىشىمۇ شىنجاڭنىڭ باقمىچىلىق ئۇسۇلى ۋە ياخشى بولغان سۇ سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، «شىنجاڭدىكى قىسقۇچپاقىلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي بېقىلىدۇ، قىسقۇچپاقىلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆل، سۇ ئامبىرى، كۆلچەكلەردىكى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، باقمىچىلىق رايونىدا سانائەت بۇلغىمىسى يوق، قىسقۇچپاقىلارنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي ئورگانىك يېشىل يېمەكلىك». ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ باش ئىنژېنېرى سەي لىنگاڭ شۇلارنى بىلدۈردى.

ماناس ناھىيەسى گۇاڭدۇڭدى يېزىسى شىنخۇپىڭ سۇ ئامبىرىدىن چىققان قىسقۇچپاقا. (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جۇ ۋېنبىن، لۇ كەي فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى