تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئالتايدىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت تەكشۈرۈش خىزمەتچى خادىملىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىدى. (سۈرەتنى قاناس مەنزىرە رايونى تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ۋىلايەت 2020-يىللىق كۈز پەسىللىك ساياھەت ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويغان، بۇ مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتىنى ئىككى ئايغىچە ھەقسىز قىلىش، «يۇرتتىكىلەر يۇرتىنى ساياھەت قىلىش»تا ئاپتوموبىل ھەققىدە ئېتىبار بېرىش، ھۆددە ئايروپىلانىغا ئورۇن كېسىش مۇكاپاتى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالتايدىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قاراتقان ھەقسىز ئىشىك بېلىتى سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتى 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدىكەن.

  9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئالتايدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى ھەپتە ئاخىرىنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى سائەت 11لەردە، ئالتاي شەھىرى خۇالىن باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، ساياھەتچىلەر تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن مەنزىرە رايونىغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. «كۆپچىلىك ئۆچرەتتە تۇرغاندا ئارىلىق ساقلاپ، ساغلاملىق كودىنى تەييارلاڭلار» خىزمەتچى خادىم كىرىش ئېغىزىدا ساياھەتچىلەرنى ئۆچرەتتە تۇرۇشقا تەشكىللىدى. «گۈزەل مەنزىرە، ساپ ھاۋا، تەبىئەتكە قايتقاندىكى تۇيغۇ ھەقىقەتەن راھەتكەن» دېدى ساياھەتچى فەن يۈ.

ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىدا ئوينىماقتا.

  قاناس مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر توردا ئالدىن كېلىشىش ئارقىلىق ۋاقىتقا بۆلۈپ باغچىغا كىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، تەرتىپلىك باغچىغا كىردى. ئالتاي شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ ۋېي ئۆيىدىكىلىرىنى ئېلىپ خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەنزىرە رايونىغا ئوڭۇشلۇق كىردى. «ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ئوينىغىلى كەلمىگىلى ئۇزاق بولغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنزىرە رايونى يەنە ھەقسىز كىرىش بېلىتى ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويۇپتۇ، بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتسەك ئەلۋەتتە بولمايدۇ» دېدى جاڭ ۋېي.

  «قاناسنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك ساياھەتچىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىشىغا ئاز قالدى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قاناسقا ئېكسكۇرسىيە-ساياھەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ ساياھەتچىلەرنى مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ساغلاملىق كودىنى چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرگە رىئايە قىلىپ، بىخەتەر ئالاقە ئارىلىقى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى قاناس مەنزىرە رايونى ساياھەت ئىدارىسى مەسلىھەت بېرىش، ئەرز-شىكايەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ چىڭيوڭ.

قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىسى ئاپتوموبىلنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇنگۇر كۆلى ئالتۇن قىرغاق مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ئەتىگەندىلا تەرتىپ بىلەن مەنزىرە رايونىغا كىرگەندىن كېيىن، بەزىلىرى ھەيكەللەرنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، بەزىلىرى كۆل بويىدا سەيلە قىلدى، بەزىلىرى سەيلە كېمىسىگە ئولتۇرۇپ كۆل رايونىدا شامالدىدى.

  ساياھەتچى فاڭ گوبىڭ جېجياڭدىن كەلگەن بولۇپ، سودا قىلىدىغان بولغاچقا، يىل بويى شىنجاڭ بىلەن جېجياڭ ئارىسىدا بېرىپ كېلىپ يۈرىدۇ، بۈگۈن ئەتىگەن ئۇ خوتۇنى ۋە بالىسىنى ئېلىپ ئۇلۇنگۇر كۆلى بويىغا كەلدى. «بۇ ئىككى كۈندە ھاۋا خېلى ياخشى، مەنزىرە رايونىنىڭ ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئائىلەمدىكىلەر، بالامنى ئېلىپ بۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆكتوقاي ناھىيەسى ھەقسىز يولغا قويغان ساياھەت بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىغا ئۇدۇل بارغىلى بولىدىكەن، ئىنتايىن قولايلىقكەن» دېدى فاڭ گوبىڭ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالتاي ۋىلايىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش شەكلىدە ئالتايدىن باشقا جايدىكى ساياھەتچىلەر (ئاپتوموبىل 20دىن كەم بولماسلىق، ساياھەتچى 60 كىشىدىن كەم بولماسلىق، ئالتاي ۋىلايىتىدە ئىككى ئاخشامدىن كەم قونماسلىق)نى تەشكىللىگەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى (ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەشكى تەشكىللەش)نى ھەر قېتىمدا 20 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئالتاي ۋىلايىتى نوپۇسىدىكى، ئالتاي ۋىلايىتىدە دائىم تۇرىدىغان باشقا شۇ جايدىكى كىشىلەرنى ۋىلايەت ئىچىدە قىزىل، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتىگە تەشكىللىگەن شۇ جايدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ھەقسىز ئاپتوموبىل سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى