تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى چىڭ ساقلايمەن

گۈلباھار جالىمغازى:

تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى چىڭ ساقلايمەن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

«ھازىر ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قازاقىستاننىڭ 120 نەچچە يۈك ئاپتوموبىلى دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتۈپ پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ توشۇش رايونىغا كىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ 100 تاۋار ماشىنىسى دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتىدۇ، بېرىپ - كېلىۋاتقان ئاپتوموبىللار ۋە يۈكنى تەكشۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مېنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىم، ئازراقمۇ بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ» دېدى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، قورغاس پورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلباھار جالىمغازى.

42 ياشلىق گۈلباھار تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشقا ئىلتىماس قىلىپ، تاشيول پورتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كىچىك شۆبە ئەترىتىنى تەشكىللىدى، كۈندۈزدە نورمال تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتىن تارتىپ كەچتىكى «تاق، قوش ئىسمېنا» ئەندىزىسى بويىچە دىجورنىلىك قىلىشقىچە، ھەممىلا يەردە ئۇنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش - كىرىش رەسمىيىتىنى ماسلاشتۇرۇشتىن باشقا، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە دۆلەت ئۈچۈن «دەرۋازا»نى چىڭ ساقلاش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى.

«قورغاس پورتى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق سودا پورتى بولۇش سۈپىتىدە، يۈك ئوبوروتى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت قوش ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى» دېدى گۈلباھار.

پايدىلانغۇدەك تەجرىبە بولمىغانلىقتىن، گۈلباھار لايىھەگە ئۈزلۈكسىز تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغدىغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئالدى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن « تاشيول پورتىنىڭ يولۇچىلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى باشقۇرۇش چارىسى» «چېگرا سىرتىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىش تەرتىپى» « نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان يۈك مەيدانىنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىش تەدبىرى» «پورتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسى» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك چارە، تەرتىپلەرنى تۈزۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە «چېگرا كۆۋرۈكىدە تاپشۇرۇش - تاپشۇرۇېلىش ئەندىزىسى» «پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ توشۇش ئەندىزىسى» يۈكنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇم خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلەتتى.

يۇقۇم مەزگىلىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ھەرقايسى يۈك مەيدانلىرىدا تۇرۇپ قالغان پاختا يىغىش ماشىنىسى، قېزىش ماشىنىسى قاتارلىق تاۋار ماشىنىلار تاموژنىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپنىڭ شوپۇرلىرى ماشىنىلارنى دۆلەت دەرۋازىسىغا ھەيدەپ كەلگەندە، تاموژنا شوپۇرلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدۇ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرىدۇ، ئاپتوموبىللار سىكاننېرلانغاندىن كېيىن قازاقىستان تەرەپنىڭ شوپۇرلىرى ھەيدەپ كېتىدۇ. بۇ خىل «چېگرا كۆۋرۈكىدە تاپشۇرۇش - تاپشۇرۇۋېلىش ئەندىزىسى» خادىملارنىڭ ئۇچراشماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاۋار ماشىنىلارنىڭ تاموژنىدىن نورمال ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

«پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ توشۇش ئەندىزىسى» تاموژنىدىن كىرگەن يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن شوپۇرلارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. قازاقىستان تەرەپنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى چېگرا تەكشۈرۈشى ۋە تاموژنا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن 600 مو كېلىدىغان پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ توشۇش رايونىغا كىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ خادىملىرى ئاپتوموبىلنىڭ بېشىنى ئالماشتۇرۇش شەكلىدە پىرىتسېپنى ئېلىپ كېتىدۇ، قازاقىستان تەرەپنىڭ شوپۇرلىرى جۇڭگو تەرەپتىكى رايوندا ئۇچراشماي 20 نەچچە مىنۇت تۇرۇپلا قايتىپ كېتەلەيدۇ.

«بىز دەسلەپكى مەزگىلدە چېگرا تەكشۈرۈشى، تاموژنا ۋە كارخانىلارنى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، ئوتتۇرىغا قويغان چارىلەر ھەم كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ھەم چېگرا تەكشۈرۈشى ۋە تاموژنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن رامكا دائىرىسىدە تەرتىپلەرنى ئىمكانقەدەر ئاددىيلاشتۇردى» دېدى گۈلباھار.

بۇ باشقۇرۇش چارىلىرى ھەربىر ئاپتوموبىلنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا تېجەپ، قورغاس پورتىنىڭ تىجارەت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

ھەر كۈنى تۇنجى يۈك ئاپتوموبىلى تاموژنىدىن ئۆتكەندىن باشلاپ، گۈلباھار چېگرا تەكشۈرۈشى ۋە تاموژنىدا سائەتكە قاراپ ۋاقىت ھېسابلاپ، ئاپتوموبىللارنىڭ تۇرۇپ قېلىش سەۋەبىنى تاپتى ھەم دەرھال لايىھەنى ئەلالاشتۇردى. گۈلباھار مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشتىن تارتىپ ئاپتوموبىللارنىڭ بېشىنى ئالماشتۇرۇش، يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈشكىچە، يەنە ئاپتوموبىللار مېڭىپ كەتكىچە بولغان تەرتىپلەرنى بىر - بىرلەپ تەكشۈردى، بىردەمدىلا پۈتۈن بەدىنى تەرگە چۆمۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئەزەلدىن ۋايساپ باقمىدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، گۈلباھار بالدۇر كېلىپ كەچ قايتىپ ئىش ئورنىدا ئالدىراش يۈردى. «يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، پورتنىڭ نورمال تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چېگرا تەكشۈرۈشى، تاموژنا، كارخانىلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن ئەجىر قىلدى. پورت باشقۇرۇش خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى چىڭ ساقلاپ، پورتنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمەن» دېدى گۈلباھار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى