تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىڭ ساقلاش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم

لۇ دۇڭمېي:

چىڭ ساقلاش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ مېڭرەن

«تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم كۆپچىلىكنىڭ پىسخىك ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىغا بولغان قوش سىناق، بۇنداق كەچۈرمىش ماڭا تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. مېنىڭچە، پەقەت چىڭ ساقلاش، يۇقۇم تۈگىمىگىچە جەڭ كىيىمىنى سالماسلىق كېرەك.» 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس يولى ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لۇ دۇڭمېي ئىش ئورنىدا ئۇدا 51 كۈن ئىشلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ ئىنتايىن جاپا تارتتى، بىز دوختۇرخانىدا قالغان دوختۇر - سېسترالارمۇ بازىنى چوقۇم ياخشى ساقلايمىز».

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن بۇيان، لۇ دۇڭمېي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ نەپەس يولى ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىدە ئىزچىل نۆۋەتچىلىك قىلدى، بۆلۈم ئىچىدىكى كۈندىلىك خىزمەتلەردىن باشقا، لۇ دۇڭمېي يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ۋاقىتلىق تەشكىللىگەن يۇقۇمغا ھۆكۈم قىلىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، دوختۇرخانىغا كىرگەن ئاغرىقلار ۋە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىكى ئاغرىقلارغا تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى باھالاپ، جىددىي كېسەل كۆرسىتىدىغان ئاغرىقلار ئۈچۈن «يېشىل يول» ئاچتى.

بىرنەچچە ئېغىز ئادەتتىكى كېسەلخانا دوختۇر - سېسترالارنىڭ ۋاقىتلىق ياتىقىغا ئۆزگەرتىلدى، لۇ دۇڭمېي ۋە خىزمەتداشلىرى بۇ يەردە يېتىپ، كېچە - كۈندۈز ھەر ۋاقىت چاقىرىشىنى كۈتۈپ تۇردى.

«كۈندۈزى كۈندىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەيمىز، دىياگنوز قويىمىز، كېسەلخانىلارنى ئارىلايمىز، كېسەللىك ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىمىز، بەزىدە كەچتە تۇيۇقسىز يۈزبېرىدىغان ئەھۋاللارغىمۇ دۇچ كېلىمىز.» لۇ دۇڭمېينىڭ ئەسلىشىچە، 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر يېرىم كېچىدە، سەھەر سائەت 3 ئەتراپىدا، ئۇ تۇيۇقسىز بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلدى.

لۇ دۇڭمېي ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىر تەرەپتىن تۇغۇت بۆلۈمىگە ئوپېراتسىيەگە تەييارلىق قىلىشنى ئۇقتۇردى، بىر تەرەپتىن ھامىلىدار ئايالدىن كىلىنىكىلىق سۈرۈشتۈردى، پائالىيەت ئىزىنى تەكشۈردى، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى باھالىدى.

نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ساقلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەھۋالدا، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يېرىم سائەت ئىچىدە بارلىق خىزمەتلەرنى تاماملاپ، بۇ ھامىلىدار ئايالغا ۋاقتىدا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، ئۇنى تۇغۇت ئۆيىگە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ كىردى.

ئالدىراشلىق تۈگىگەندىن كېيىن، لۇ دۇڭمېي كارىۋاتتا يېتىپ زادىلا ئۇخلىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلى ئىنتايىن خاتىرجەم ئىدى.

لۇ دۇڭمېي سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلمىغانلىقىنى، پەقەت نۇرغۇن يىللارنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش سەۋىيەسى ۋە داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئاغرىقلارنىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش تېببىي خادىملارنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى ئىدى.

بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن لۇ دۇڭمېي 20 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە، ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكىدا دوكتور ئاشتى بويىچە تەربىيەلەنگەن ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەپەس يولى سىستېمىسىدا ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەل، مۇرەككەپ كېسەل ۋە نەپەس يولى خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىرىگە قارىتا ئۆزگىچە قارىشى بار.

«يۇقۇم داۋامىدا، بالامنى ئاتا - ئانامنىڭ قارىشىغا تاپشۇرۇپ، جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى يېزىپ، بىرىنچى سەپكە بېرىشنى ئۈمىد قىلدىم.» لۇ دۇڭمېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3 - ئايدا مەن چەت ئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە پاكىستانغا ياردەمگە باردىم.

«چەت ئەلدە، بىزنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنىمىز جۇڭگو دوختۇر - سېسترالىرىنىڭ ئوبرازى، دۆلەت ئىچىدە، بىز ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، مەن زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە مەن چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولىمەن» دېدى لۇ دۇڭمېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ