تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندىلىك تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

  كۈندىلىك تازىلىقنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

  كۈندىلىك تازىلىق ئائىلە مۇداپىئەسىنىڭ ئاساسى. ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتى قايسىلار؟

  كۈندىلىك يېمەكلىكلەرنى قانداق قىلغاندا ئىلمىي بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟ ئائىلىدە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشتە قايسى ئىنچىكە ھالقىلار بار؟

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ خەۋىرى): ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەتقىق قىلىپ تۈزگەن «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى ئاممىۋى مۇداپىئە ئاددىي قوللانمىسى» ئائىلە مۇداپىئەسى توغرىسىدا ئەسكەرتمە بەردى.

  ● ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئايرىش

  ئائىلە مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، ھەر كۈنى ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، كىيىم-كېچەكلەرنى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك. ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ لۆڭگىسى، چىش چوتكىسى قاتارلىق شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئايرىپ قويۇش كېرەك.

  ئاھالىلەر ئىشىكتىن كىرگەندە ئەڭ ئاۋۋال قول يۇيۇشتەك ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. چۈشكۈرگەندە، يۆتەلگەندە قەغەز بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىۋېلىش، ئېغىز-بۇرۇندىكى ئاجرالمىلارنى قەغەز بىلەن ئوراپ، ياپقۇچى بار ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش كېرەك.

  ئۆيدە تاماق يېگەندە، ئائىلە ئەزالىرى بەلگىلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك، تاماق يېگەندە ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىپ، ئايرىپ غىزالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ياۋايى ھايۋانلار(يەنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشى)غا يېقىنلاشماسلىق، ئۇلارنى سېتىۋالماسلىق ۋە يېمەسلىك؛ تىرىك ھايۋانلار(ئۆي قۇشلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ياۋايى ھايۋانلار)نى ساتىدىغان بازارغا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

  ● تاماق ئەتكەندە خام، پىششىقنى ئايرىش

  ئاشخانا ئۆينىڭ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر كۈنى دېرىزىنى ئىككى-ئۈچ قېتىم ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. يەر يۈزى ۋە بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان تام قاتارلىق سىرتقى يۈزلەرنى ھەر كۈنى پاكىز تازىلاش، ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ، خلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن سۈرتۈپ ياكى پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن، پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرگە ئايرىپ ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، توڭلاتقۇغا سالغان يېمەكلىكلەرنىڭ خاملىرى بىلەن پىششىقىنى ئايرىش، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پارچە قاچىلانغان سوغۇق گۆشلۈك پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. خام، يېڭى يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچراشقان قاچا، ئەمبەل، پىچاق، سۇ كۆلچىكى ۋە ئورالما قاپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئامال بار تىرىك چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، دېڭىز (سۇ) مەھسۇلاتلىرىنى خام ئىستېمال قىلماسلىق، گۆش، قۇش، تۇخۇمنى تولۇق پىشۇرۇش كېرەك. سوغۇق زەنجىرسىمان خام، يېڭى يېمەكلىكلەرنى مۇنتىزم يول ئارقىلىق سېتىۋېلىپ ۋە ئىستېمال قىلىپ، خام، يېڭى يېمەكلىك مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سېتىۋالغان خام، يېڭى يېمەكلىكنى شۇ ۋاقلىق تاماقتا يەۋېتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەگەر داۋاملىق سوغۇق ساقلىماقچى ياكى توڭلاتماقچى بولغاندا، يېمەكلىكنى ھىم ئوراپ، ئۆزئارا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئېقىۋاتقان سۇدا يۇيغاندا، ئاستا يۇيۇش، چاچراپ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ● ئائىلىدە دېزىنفېكسىيە قىلىشتا بۇ ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك

  كۈندىلىك ئائىلىدىكى مۇھىتتا، يان تېلېفون، مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى، ۋىكليۇچاتېل، جۈمەك، ئىشىك تۇتقۇچى، دېرىزە تۇتقۇچى قاتارلىق دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان جايلارنى، بولۇپمۇ تەرەت قاچىسىغا سۇ چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىدا ۋاسىتىلىك ۋىرۇس تارقىتىش خەۋپ-خەتىرى يوشۇرۇنغان، شۇنداقلا ئائىلىدە كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشتە ئاسانلا سەل قارىلىدىغان ئىنچىكە ھالقا. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، تازىلىقنى ياخشى ئىشلەش دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. يېمەك-ئىچمەك سايمانلىرى ۋە چىنە-چەينەكلەرنى ئالدى بىلەن فىزىكىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىپ، 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە قاينىتىش ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش ساندۇقى (ئىشكاپى) ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئۈستەل يۈزى، ئىشىك تۇتقۇچى، تېلېفون، ۋىكليۇچاتېل، چەينەك تۇتقۇچى، تەلەڭگە، تەرەت قاچىسى قاتارلىق دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان جىسىملارنىڭ يۈزىنى خلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈپ، 30 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، پاكىز سۇدا پاكىز چايقىۋېتىش كېرەك.

  تازىلىق ئۆيىنىڭ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر كۈنى دېرىزىنى ئىككى-ئۈچ قېتىم ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. سۇ چۈشۈرگەندە تەرەت قاچىسىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويۇش، قەرەللىك ھالدا تەركىبىدە خلور بولغان كۆپۈكلىشىدىغان تابلېتكا بىلەن تەرەت قاچىسىنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. يەر ئاستى تۇرۇبا يولى(ئەۋزەر يولى)، تازىلىق ئۆيىدىكى يۇندا تۆشۈكى قاتارلىقلارنىڭ U شەكىللىك سۇ ھىملىگۈچىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، سۇ كەمچىل بولغاندا ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش كېرەك.

   ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەش بىلەن قولنى تازىلاپ يۇيۇش زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بىز پات-پات قولنى يۇيۇش تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھىتنى پاكىز تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى