تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا كۈزلۈك كالا-قويلارنى قوتاندىن چىقىرىش، سېتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى يېتىپ كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ مىن، ئىختىيارىي مۇخبىر سەي يۇڭجيې خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئاي دەل شىنجاڭدا كالا-قويلارنى قوتاندىن چىقىرىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، بۇ يىل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق نۇقتىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرى قوتاندىن چىقىرىلغان كالا 750 مىڭ تۇياق، قوي 8 مىليون توياقتىن ئارتۇق بولۇشنى داۋاملىق ساقلىغان، بۇلارنى مۇخبىرلار 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىدى.

  باقمىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، چارۋىلارنى قوتاندىن چىقىرىش، سېتىش خىزمىتىنىمۇ نۇقتىلىق چىڭ تۇتتى.

  بايىنغولىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى ئارال بازىرىدىكى باقمىچى ئەمەرجان يۈسۈپ مۇنداق دېدى: «مەن 48 تۇياق قوي، تۆت تۇياق كالا باقتىم، تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كالا-قويلىرىم سېمىز ھەم ساغلام چوڭ بولدى. ھۆكۈمەت سېتىش يولى ئېچىپ بەرگەچكە، كالا-قوي سېتىۋالغۇچىلارنىمۇ ئالاقىلىشىپ قويدۇم، بۇ يىل چوقۇم ياخشى باھادا ساتالايمەن».

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي، بورتالا، بايىنغولىن ئوبلاستى قاتارلىق بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتا بىر يىلدا 1 مىليون 240 مىڭ تۇياق كالا، 13 مىليون 20 مىڭ قوي قوتاندىن چىقىرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 8-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان 3 ئايدا تەخمىنەن 750 مىڭ تۇياق كالا، 8 مىليون تۇياق قوي قوتاندىن چىقىرىلغان بولۇپ، قوتاندىن چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل يۇقىرىقى بەش ۋىلايەت، ئوبلاست كۈزلۈك قوتاندىن چىقىرىش كۆلىمىنىڭ 750 مىڭ تۇياق كالا، 8 مىليون توياقتىن ئارتۇق قوي بولۇشىنى داۋاملىق ساقلايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى