تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىش

     8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىشچى ئارال ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە خىزمەت قىلماقتا. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، بازار تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. سۈن گوچۈەن فوتوسى

  8-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى شىنجاڭ جىنرى بىخەتەرلىك ئەينەكچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ شىركەت يىلدا 600 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئەينەك ئىشلەپچىقىرىپ، بازار تەمىناتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 31-كۈنى، سانجى شەھىرىگە جايلاشقان ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا خادىملار تىرانسفورموتورنىڭ كىيدۈرمە تۇرۇبىسىنى قۇراشتۇرماقتا. بۇ زاۋۇتنىڭ خادىملىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاپشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. لى خۇڭچىڭ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 29-كۈنى، خادىم ئوراپ قاچىلاش سېخىدا دورا بۇيۇملىرىنى ئايرىپ قاچىلىماقتا. ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)غا جايلاشقان شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، زۇكام جەۋھىرى، سوغۇقتىن بولىدىغان دەم سىقىلىش زۇپا جەۋھىرى ھەر كۈنى 100 مىڭ قاپتىن ئارتۇق تېزلىكتە لىنىيەدىن چۈشۈرۈلۈپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا، ئىشچىلار ماسكا تاقاپ ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەربىر زاكازنى ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. زو جىلى فوتوسى

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ يۈنتېڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ئېلېكترونلۇق ئۆزەك ئىشلەپچىقارماقتا. ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ئاكتىپ ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ جوڭخې پاي چەكلىك شىركىتى (گەنچۈەنباۋ) يېڭى خام ماتېرىياللار سانائەت باغچىسىدا، خادىم ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىلەن بىللە، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە يولۇققان قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋىرى): نۆۋەتتىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە-ئۈنۈمىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ئەگىشىپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش باسقۇچىغا كىرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى، ھەرقايسى سانائەت باغچىسى رايونلىرىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، ھاياتىي كۈچىنى قايتا نامايان قىلدى. كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىغا نەزەر سالساق، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، «ئەقلىي» ياساشتا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ئاتلىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىنىنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلار ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلىغان. كەڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بىر تەرەپتىن يۇقۇم مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلىسە، بىر تەرەپتىن تۈرلۈك ئامال-چارىلەر بىلەن كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، بار كۈچى بىلەن غەيرەت قىلىپ ئىشلىدى.

  جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان. يۇقۇمنىڭ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كەلتۈرگەن پايدىسىز تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيە، پۇل مۇئامىلە، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تۈرلۈك قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى، ياردەم بەردى. ئەڭ قىيىن چاغلار ئۆتۈپ كەتتى، كەڭ كارخانىلار قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان باتۇرلۇق بىلەن، يېڭىلىق يارىتىشقا ھەرىكەتلىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەشتە تۆھپە يارىتىپ، تىرىشىپ چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى