تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن شىنجاڭدىكى دالا مەنزىرە رايونلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى

ئۆلكە ھالقىپ ساياھەت قىلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. (شۈ گۇاڭجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا، شەھەر ئاھالىسى جاڭ يۈلىن بىلەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى سۈنئىي قار يېيىتىلغان تېيىلىش يولىدا «ئۇچقاندەك تېيىلىپ»، سۈنئىي قار تېيىلىشتىكى سۈرئەت ۋە ھاياجاندىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق دالا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىپ ساياھەت قىلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دالا مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەتچىلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ۋە ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىپ ساياھەت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى قاتارلىق ساياھەتكە ئالاقىدار كارخانىلار ئالاقىدار تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەنزىرە رايونلىرىنى سەيلە قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ھەرقايسى جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، ساياھەت كارخانىلىرى «چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى رايونلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاۋا ئالمىشىپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاقىل ساياھەت سۇپىسىغا تايىنىپ، مەنزىرە رايونىدىكى ئادەم ئېقىمى، ئاپتوموبىل ئېقىمى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ساياھەتچىلەر، ئاپتوموبىللارنى ياخشى يېتەكلەپ، ساياھەتچىلەرنى ماسكا، ئىسپىرت قاتارلىق زۆرۈر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرگە ئەلا مۇلازىمەت قىلدى.

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ زىيادە زىچ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، توردا ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش، نەق مەيداندا تېمپېراتۇرىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن مەنزىرە رايونىغا تەرتىپلىك كىرىشنى يولغا قويدى. 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەتىگەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە جايلاشقان تىيانشان تۆمۈر جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا، خىزمەتچىلەر بۇلۇڭ - پۇشقاقلارنىمۇ قالدۇرماي تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى. «يېقىندا بىز مەنزىرە رايونى ۋە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىدىكى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆردۇق» دېدى تىيانشان تۆمۈر چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى چېن رۇيبو.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، ھەرقايسى جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئىشىك بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، ھەق ئالماسلىق، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش قاتارلىقلارغا رىغبەتلەندۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» «جۇڭچيۇ بايرىمى» «1 - ئۆكتەبىر» قاتارلىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ 100 نەچچە تۈرلۈك مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويىدىكەن.

ئۆلكە ھالقىپ ساياھەت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شىنجاڭنىڭ ساياھەت كارخانىلىرىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ ساياھەت كارخانىلىرى، بولۇپمۇ ھەرقايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇۋاتىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، بىر قىسىم ساياھەت كوپىراتىپلىرى شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىش ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا ساپتۇ.

ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار كۆڭۈل قويۇپ بىر تۈركۈم خاس مەدەنىيەت - ساياھەت ھېس قىلىش لىنىيەلىرىنى بەرپا قىلدى. سۇ ئۈستىدە پاراشوتتا ئۇچۇش، سەيلە كېمىسى، سەيلە پاراخوتى، لەيلىمە كېمە، كاتېر، بېلىق تۇتۇش... باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا، 20دىن ئارتۇق كۆڭۈل ئېچىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى، مەنزىرە رايونى يەنە قۇم ساھىلىدا كاۋاپ پىشۇرۇش، قومۇشلۇقنى تاماشا قىلىش قاتارلىق ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى. كۆكتوقاي ناھىيەسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەۋزەل بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى + ساياھەت» مەدەنىيەت - ساياھەت ھېس قىلىش لىنىيەسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قىزىل مەدەنىيەت سەپىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم خاس مەدەنىيەت - ساياھەت ھېس قىلىش تىپىدىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت لىنىيەلىرىنى يولغا قويدى.

ئۆتكەن ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى بەس - بەستە ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ساياھەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، فۇكاڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېڭ شياۋفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ماركېتىڭ خىزمىتىنى پائال ياخشى تۇتتى، مەنزىرە رايونى بۇ يىل بېكىتكەن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە نۆۋەتتە 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە بوغدا كۆلى ئۇل ئەسلىھە 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى ۋە ۋۇجياڭ ئەينەك ئاسما يولى قۇرۇلۇشى تۈرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. قاراماي دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل مەبلەغ سېلىپ بەش كىلومېتىرلىق ساياھەت لىنىيەسىنى يېڭىدىن كېڭەيتىپ، مەنزىرە رايونى ساياھەت لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىنى 15 كىلومېتىرغا يەتكۈزدى. يېڭى لىنىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا تۇتاشتۇرۇلدى، ساياھەتچىلەر نېفىت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغان بولدى.

(مۇخبىرلار ياۋ گاڭ، رېن جياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ تىڭ، گې يوۋجۈن، سۇڭ ياۋېن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن جوۋ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار دۇڭ شىجۈ، لۈ نا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ