تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتوموبىللار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يوللىرىدا ماڭماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فۇ شياۋبو، سۈن شاۋشيۇڭ): 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭدا ئۇدا 15 كۈن يەرلىكتە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى يېڭىدىن كۆپەيمىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى پۈتۈن شەھەردىكى ئاممىۋى سورۇن ۋە ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىغا قارىتا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەردىكى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىپ، تاكسىلارنىڭ تىرانسپورت كۈچى تەدرىجىي ئاشتى، شەھەر ئىچىدىكى باغچا، مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن شەھەر ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلدى.

  9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى، دوستلۇق سودا سارىيى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سودا سارايلار ئېچىلىپ خېرىدار كۈتۈۋالدى. بىر دوستلۇق تاللا بازىرىدا، مۇخبىر خېرىدارلارنىڭ دۇكانغا ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ مال سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، بارلىق خىزمەتچى خادىملار ۋە خېرىدارلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا ماسكا تاقاپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ھېسابات قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەممە ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۈرۈمچىدىكى چوڭ تىپتىكى ئاھالىلار ئولتۇراق رايونى  رىيۆ شىڭگۇاڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ يول بويىدىكى دۇكانلار تىجارەت باشلىغان بولۇپ، بىر قىسىم مېۋە دۇكانلىرى، ساتىراشخانا ۋە ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكىنىنىڭ ئالدىدا كىشىلەر ئارىلىق ساقلاپ، ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرغانىدى.

  ھازىر دەل شىنجاڭنىڭ كۈز پەسىللىك ساياھەت ئالتۇن پەسلى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دالا ساياھەت مەنرىرە رايون (نۇقتا)لىرى كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلكە ھالقىغان (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ساياھەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئالتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان.

  نېفىت-خىمىيە، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، ياسىمىچىلىق ساھەسى قاتارلىق شىنجاڭدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سانائەت كارخانىلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ساقلىغان. جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى، جۇڭگو نېفىت-خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن. بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سودا كارخانىلىرى يېقىنقى مەزگىلدە ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرگەن. قورغاس شەھىرىدىكى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا 100 مىڭ خاس نان 8-ئاينىڭ 31-كۈنى پورت يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى «يېشىل يولى» ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا سېتىلغان.

  ھازىر، شىنجاڭنىڭ خاس مېۋە، شوخلا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالغان. نۇرغۇن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تاشيولدا توشۇش، تۆمۈريول مەخسۇس پويىزى، ئاۋىياتسىيە ھۆددە ئايروپىلانى قاتارلىق كۆپ خىل ئەشيا ئوبوروت يوللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قەشقەر توشۇش مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۈ جۈننىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەر ھەپتىدە مۇقىم يۈك توشۇيدىغان نۆۋەتچى پويىز بار بولۇپ، يول بويى ھەرقايسى جايلاردىكى پارچە خاس مەھسۇلاتلارنى يىغىپ، ئاندىن جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق سىرتقا سېتىلغان.

  7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان جەمئىي 804 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 229نى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان. 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، شىنجاڭدا ئۇدا 15 كۈن يەرلىكتە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى يېڭىدىن كۆپەيمىگەن.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىدا، شەھەر ئاھالىسى تاۋار تاللىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىدا، شەھەر ئاھالىلىرى تاۋار تاللىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى تاماشا قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (دۇەن رۇلى فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى