تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتايلى

فەن خۇڭيى

چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىدىكى تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى؛ يولدا ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار، شەخسىي ئاپتوموبىللار ئادەتتىكىگە ئوخشاش موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى... بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئۈرۈمچى يەنە قايتىپ كەلدى. قاينام - تاشقىنلىققا تولغان بۇ مەنزىرە ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش باسقۇچىغا كىرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ تېز ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، جاپا - مۇشەققەتتە قولغا كەلدى، بىز چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇشىمىز، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشتا قويۇۋېتىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە، بىز باشتىن - ئاخىر ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشنىڭ بىر تۈرلۈك مەزمۇنى، بىر خىل ئادەت قىلساقلا، ئاندىن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلالايمىز.

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشتا يەنە دائىم بولۇش بىلەن ئۇزاققىچە بولۇشنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش جەزمەن ئىرادىنى ساقلاش، ئۇزاققىچە بوشاشماسلىق كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يىلنىڭ پەقەت تۆت ئايغا يەتمىگەنلا ۋاقتى قالدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى