تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى شىنجاڭ پارلاق گىلەمچىلىك كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى تۈرىدە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش قىلىش توختاپ قالمىدى. نۆۋەتتە بەش بىنا گەۋدىسى ۋە زاۋۇت ئۆيى قەد كۆتۈردى، ئىككى سېخ، ئىشخانا بىناسى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گىلەم زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، بار كۈچ بىلەن غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا تىرىشماقتا.

«ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ياردىمىدە، كارخانىنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدۇق. بىز قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت نىشانلىرىنى تاماملاشقا تىرىشىۋاتىمىز.» شىنجاڭ پارلاق گىلەم سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شا تىڭ مۇنداق دېدى: شىركەت يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، 10 - ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. «بۇ يىل بىزنىڭ 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ئىشەنچىمىز بار، 18 مىليون يۈەن سېتىش كىرىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى شا تىڭ.

بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ فۇكې نېفىت مەھسۇلاتلىرى پاي چەكلىك شىركىتى پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ يىغىش ئۇرچۇقىنى سىلىقلاش مېيىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپچىقىرىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان پاختا يىغىش پەسلى ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا. بۇ شىركەت سىلىقلاش مېيى، سىلىقلاش يېغى، سانائەت ئالاھىدە مېيى قاتارلىق 20 نەچچە خىل تۈردىكى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ ھەم دۆلەت ئىچىدىكى سىلىقلاش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئىزچىل تېخنىكا جەھەتتە ئالدىنقى قاتارنى ساقلاپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە بۇ شىركەت سانجى، ئاقسۇ، قەشقەر، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردىكى خېرىدارلارنىڭ زاكازلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا، شىنجاڭ شېڭئاۋ قۇرۇلۇش گۇرۇھى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى ئېھتىياجلىق رەڭلىك تاختا ۋە تاشپاختا تاختىسىنى جىددىي ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ كارخانا نۆۋەتتە يىلىغا 300 مىڭ كىۋادرات مېتىر رەڭلىك تاختا، تاشپاختا تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، يان ئۆي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە پولات قۇرۇلمىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇردى. بۇ گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى چياۋ ليەنشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل رەڭلىك تاختا ۋە تاشپاختا تاختىسىدىن 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئىشەنچىمىز بار.

7 - ئايدىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى 30 كادىرنى كارخانىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش»تەك ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى قوللىنىپ، 30 كارخانىنىڭ بار كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشتى. كارخانىدا تۇرۇشلۇق كادىرلار كارخانىلار ئۈچۈن تۇرمۇش ئەشيالىرى، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ۋە ماشىنا زاپچاسلىرىنى سېتىۋېلىش، توشۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 تۈردىن ئارتۇق كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى پائال ماسلاشتۇردى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، جىڭ ناھىيەسىدىكى ۋېيلاڭ سانائەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، مەھسۇلاتلارنى توشۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلدى ھەم ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ۋە توك پۇلى تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇ شىركەتنىڭ ئىچكى سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ خۇڭجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كارخانا ئىچكىرى رايونلاردىن نۇرغۇن زاكاز تاپشۇرۇۋالدى، 6000 يۈرۈشتىن ئارتۇق مەكتەپ فورمىسى پىششىقلاپ ئىشلىنىپ يېرىم تەييار مەھسۇلات ھالىتىگە كەلدى، يەنە 30 مىڭ زاكاز يوپكا تىكىلىۋاتىدۇ، كارخانىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتقا ئىنتايىن ئىشەنچىسى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى