تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

100 مۇھىم، زور تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلىدى

بايىنغولىن ئوبلاستى:

100 مۇھىم، زور تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلىدى

بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ خۇيجياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسى مەيدانغا كىرىپ، ئاساس سىمى تارتىش ۋە قېلىپ تىرىكى ئورنىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، قېزىش ماشىنىلىرى، قاچىلاش ماشىنىلىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ، قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى سەككىز ناھىيە، بىر شەھەر ۋە كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ئومۇمىي سېلىنمىسى 13 مىليارد يۈەن بولغان 100 مۇھىم، زور يېڭىدىن ئىش باشلاش تۈرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاندى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى تۈرى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

بۇ قېتىم مەركەزلىك ئىش باشلانغان تۈرلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئېنېرگىيە - قاتناش، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر تۈركۈم ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور تەسىر كۈچ ۋە تارتىش كۈچىگە ئىگە تۈرلەردە ئىش باشلىنىدىكەن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملايدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە تۈرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %70كە يېتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى