تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئارقا - ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئارقا - ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

بۈگۈندىن باشلاپ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئۈرۈمچىدىن پۈتۈن شىنجاڭغا قاتنايدىغان ئۇچۇش نۇقتىسى 13كە يەتتى، بۇ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئالتاي، غۇلجا، يەكەن، تۇمشۇق قاتارلىقلارنى قاپلىدى، نۆۋەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگەن شىنجاڭ ئىچىدىكى رايونلاردا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ %60ىگە يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاخىرلىرىغا بارغاندا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدىكەن، شۇ چاغدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇچۇش نۇقتىسى 43كە يېتىدىكەن.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كورلا ئايرودۇرۇمى، چەرچەن ئايرودۇرۇمى ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارنى سەپەرگە چىقىش قولايلىقى بىلەن تەمىنلىدى. ئۈرۈمچى - كورلا - چەرچەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر كۈنى بىر نۆۋەت ئۇچىدۇ. غۇلجا ئايرودۇرۇمى ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇ، كۇچا، قارامايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن باشلاپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، بۇ، ئاقسۇ - كۇچا، ئاقسۇ - شىخەنزە، ئالتاي - كورلا، كورلا - ئاقسۇ - غۇلجا، كورلا - كۇچا - غۇلجا، كورلا - شىخەنزە، كورلا - چەرچەن، كورلا - چاقىلىق، كورلا - چاقىلىق - چەرچەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

9 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈرۈمچىدىن چۆچەك، بورتالا، ئالتاي، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى