تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز  يۈ مېڭفەن خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 173 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدىكى 2513 ئاممىۋى ئاپتوبۇس (BRT نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولغا چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 6250 تاكسى يولغا چىقىپ ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلغان.

  تۇنجى ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى سائەت 07:30دىن 08:30غىچە، ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى سائەت 21:30دىن 23:30غىچە. ئاپتوبۇسلار يولغا چىققان مەزگىلدە يولۇچىلار ئېقىمىغا قاراپ مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، كەسىپكارلار ئاپتوموبىل ۋە مەيدان، بېكەتلەرنى ھەر تەرەپلىمە دېزىنفېكسىيە قىلىپ، بولۇپمۇ يولۇچىلار ئۇچراشقان تۇتقۇچ، ئاپتوبۇس ئەينىكىنىڭ تۇتقۇچى، ئاپتوموبىل پولى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئىچى ۋە تاكسى ئىچىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شوپۇرلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ماسكا تاقىشى، يولۇچى توشۇش جەريانىدا، ئاپتوموبىل ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىجارەتتە، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ يولۇچى توشۇش نىسبىتى %50تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، تاكسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە يولۇچى ئولتۇرماسلىقى، كېيىنكى رېتىدە ئولتۇرغانلار پىرىنسىپ بويىچە ئىككى ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئاممىۋى قاتناشنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان خادىملار يولۇچىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، قىزىپ قالغانلارنى ۋاقتىدا ئۆزى تۇرۇشلۇق رايونغا دوكلات قىلىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى كەڭ شەھەر ئاھالىسىگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىدى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش، شۇنىڭدەك يۇقۇم مەزگىلىدە ئاپتوبۇس ۋە تاكسىغا چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى