تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئېتىبارلار كۆپ بولدى

9-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 15لەردە، فۇكاڭ شەھىرىدىن كەلگەن كاڭ ئەپەندى تىيانشان تېغى بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا كەلدى، «مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپلا كەلدىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم كۈزدە بۇغدا كۆلىگە كېلىشىم، سىرتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش تولىمۇ ياخشى ئىش.»

قاناس مەنزىرە رايونى، ساياھەتچىلەر تەرتىپلىك ھالدا ساياھەت قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دالا مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەتچىلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ۋە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىغان ساياھەتچىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات-تەربىيە، قانۇن-نىزام باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ ۋېنيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونى ئېچىلغاندىن كېيىن، مەنزىرە رايونى كۈندىلىك كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ۋاقتىنچە 12 مىڭ 900دىن ئېشىپ كەتمىدى، مەنزىرە رايونىغا كىرگەن ساياھەتچىلەر شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى، 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلىشى، ماسكا تاقىشى، توپلىشىۋالماسلىقى، يىغىلىشىۋالماسلىقى، توپلىشىپ تاماق يېمەسلىكى كېرەك، مەنزىرە رايونى باغچىغا كىرگەن ھەربىر ساياھەتچىگە كىملىك، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى ساغلاملىق يېشىل كودى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى ۋاقىتقا ئايرىپ، ئارىلىق قويۇپ مەنزىرە رايونىغا كىرىشنى يولغا قويدى.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 16دە، نارات مەنزىرە رايونى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى س‍‍اياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. «مەنزىرە رايونى ھازىر يۇقۇمدىن بۇرۇنقى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ، تېببىي خادىملاردىن باشقا يەنە، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ناھىيە، ئۈچ شەھەر، جۈملىدىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شىسىدىكى ساياھەتچىلەر كىملىكى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى قاتارلىق ئىناۋەتلىك كىنىشكىلىرى ئارقىلىق نارات مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.» نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى سېتىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چې خۇا شۇنداق دېدى.

كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرى تىجارەت باشلىغان ئالدىنقى ئۈچ كۈندە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەردىن بېلەت كەچۈرۈم قىلدى ھەمدە يۇرتىنى ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى.

ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12دە، كۆكتوقاي ناھىيەلىك ساياھەت مېھمانخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، 70 نەچچە ساياھەتچى ھەقسىز ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، كۆكسۇرى گۈل مەنزىرىسى رايونىغا كېلىپ، ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلدى. «9-ئاينىڭ 2-كۈنى، 3-كۈنى ۋە 4-كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى ب‍‍ارلىق م‍‍ەنزىرە راي‍‍ونلىرى پۈتۈن شىنجاڭلىقلارغا ب‍‍ېلەت كەچۈرۈم قىلىشنى ي‍‍ولغا ق‍‍ويدى، ي‍‍ەرلىك ك‍‍ىشىلەرنىڭ ي‍‍ۇرتىنى ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بىز يەنە ھەقسىز بىۋاسىتە ساياھەت ئاپتوموبىلىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى م‍‍ەنزىرە راي‍‍ونلىرىغا بىۋاسىتە ب‍‍ېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئ‍‍الدىنى ئ‍‍ېلىش-ت‍‍ىزگىنلەش ئ‍‍الدىنقى ش‍‍ەرتىدە ك‍‍ۆپچىلىكنى كۈز پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلان‍‍دۇرد‍ۇق.» كۆكتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى شۇنداق دېدى. شۇ كۈنى، بۇ ناھىيەدىكى A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى جەمئىي 10 مىڭ 980 ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋالدى.

قاناس مەنزىرە رايونىدا، خىزمەتچى خادىملار ئارىلىق ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

ساياھەت رايونى ئېچىلغان تۇنجى كۈنى، قاناس مەنزىرە رايونى توردا ئالدىن كېلىشىپ ۋاقىت بويىچە مەنزىرە رايونىغا كىرىشنى قوللاندى، «مەنزىرە رايونىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، ئاشخانىمىز بىر كۈندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ھاۋا ئالماشتۇرىدۇ، مېھمانلارمۇ چوقۇم ئورۇن ئاتلاپ تاماق يەيدۇ» قاناس مەنزىرە رايونىدىكى بىر يېمەك-ئىچمەك تىجارەتچىسى يې خەيۋېن شۇنداق دېدى. ھازىر مەنزىرە رايونى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملار، خەلق ساقچىلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا قارىتا بېلەت كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

قاناس مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر تەرتىپلىك ھالدا ساياھەت رايونىغا كىرمەكتە.

«قاناس كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ساياھەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ شەخسىي مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئاڭلىق تەكشۈرۈپ، ساغلاملىق كودىنى كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە رىئايە قىلىپ، بىخەتەر ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلىشىنى سورايمىز.» قاناس مەنزىرە رايونى ساياھەت ئىدارىسى مەسلىھەت سوراش، پاش قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ چىڭيۇڭ شۇنداق دېدى.

قاناس مەنزىرە رايونىدا، خىزمەتچى خادىملار ئارىلىق ئاپتوموبىل ئىچىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 31 دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئېچىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 12سى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋېتىلدى. تىيانشان تۆمۈر چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ، تازىلىق قىلىپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ مىكروب ئۆلتۈردى. «مەنزىرە رايونى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، باغچىغا كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، قاتناش قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى تولۇق خاتىرىلەپ، تەكشۈرگىلى بولۇشنى، ئىز قوغلىغىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.» تىيانشان تۆمۈر چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى چېن رۈيبو شۇنداق دېدى.

(مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ليۇ مېڭمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ خۇڭمېي، لۈ نا، جياڭ شياۋبېي خەۋىرى، فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى