تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى تۆمۈريول ئىدارىسى سودا چەمبىرىكى: سودىگەرلەر دۇكانلىرىنى تازىلاپ خېرىدار كۈتۈۋالدى

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ ئوتتۇرا يولىدا، جيېئەنتې بېيجىڭ يولى دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى ۋېلىسپىتتىكى چاڭ-توزانلارنى سۈرتۈپ، تازىلاپ، ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، تىجارەت قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، كوچا بويىدىكى نۇرغۇن سودىگەرلەر تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇنقى ھەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇردى. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى بېيجىڭ يولى تۆمۈريول ئىدارىسى سودا چەمبىرىكىدە، مۇخبىر كوچا بويىدىكى نۇرغۇن دۇكاننىڭ ئېچىلغانلىقىنى، سودىگەرلەرنىڭ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، تازىلاش، ماللارنى رەتلەش قاتارلىقلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، خېرىدار كۈتۈۋالغانلىقىنى كۆردى.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولى لاۋباۋ شىنجاڭ كالا، قوي گۆشى خوگوخانىسىنىڭ ئالدىدا، خىزمەتچىلەر 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاشنى ئەسكەرتىش بەلگىسى چاپلاپ، دۇكاننى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، تىجارەت باشلاش تەييارلىقى قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولىدىكى بىر خوگوخانىدا، خىزمەتچى خادىم دۇكاننى ئېچىشتىن بۇرۇنقى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى، تىجارەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تۇنجى كۈنىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولى «بوياڭ ئائىلە بويۇملىرى»نىڭ خىزمەتچىلىرى دۇكاندىكى تاۋارلانى رەتلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى