تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «بوشلۇق دەرسخانىسى»دا دەرس باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لۇ خەۋەر قىلىدۇ: «مەن تېلېۋىزوردىن ئۇزاقتىن بېرى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئۈلگەم جۇڭ نەنشەن بوۋامنى كۆردۈم، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، 84 ياشقا كىرگەن ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا ۋۇخەنگە ئاتلاندى. ئۆسمۈرلەر كۈچەيسە، جۇڭگو قۇدرەت تاپىدۇ، مەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ ئىشلارنى زىممىگە ئالىدىغان ئادەم بولىمەن» دېدى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە، «ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى دەرس»نى كۆرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 73 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاڭ لۇلۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «بوشلۇق دەرسخانىسى»دا توردا ئوقۇتۇش بويىچە دەرس باشلاندى، ھەرقايسى مەكتەپلەر «ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى دەرس»نى كۆرۈش، توردا «دۆلەت بايرىقى ئاستىدا قىلىنغان سۆز» «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش»نى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى باشلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى مۇھىم ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا يېتەكلىدى.

«مۇسكۇل يىگلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان <تۆمۈر ئادەم دوختۇرخانا باشلىقى> جاڭ دىڭيۈنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، يۇقۇمنىڭ بىرىنچى سېپىدە كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندىم، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىز يېڭى دەۋر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ چۈشەندىم. مەن مەكتەپنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، توردا دەرسلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالىمەن!» نىلقا ناھىيەسى قاراسۇ يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ تولۇقسىز 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى قاستىر ئاكىمتوختاۋ مۇنداق بىلدۈردى: خەتەرلىك پەيتتە، سانسىزلىغان قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى سەپنىڭ ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتتى، مەنمۇ تىرىشىپ «قىيىنچىلىقتىن قاچمايدىغان، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتمايدىغان» يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولىمەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 80 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى يىن جيې بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىشىنى، كۆڭلىدە ئەيمىنىدىغان بولۇشىنى، مىننەتدار بولۇشنى بىلىشىنى، تەلەپچانلىقى ۋە قەيسەرلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتىرلەشكەن مائارىپ سارىيى، مائارىپ پەنلەر تەتقىقات يۇرتى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رادىيو - تېلېۋىزىيە تورى، كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف قاتارلىق تېلېۋىزىيە، تور يوللىرى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «بوشلۇق دەرسخانىسى» تور دەرسى بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەمىنلەيدىكەن.

«بوشلۇق دەرسخانىسى» تور ئوقۇتۇشىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى توردا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ توردا ئوقۇتۇش خىزمىتى لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈپ چىقتى، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋاقتى بويىچە توردا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك تەشكىللىدى.

ئاقسۇ شەھەرلىك 10 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە توردا كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، توردا ئوقۇتۇشتىن تەڭ بەھرىلىنىش، تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەلىي مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، توردا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. «توردا دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن، ھەربىر ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلىپ بايلىق ئىزدەپ، ئوقۇتۇش لايىھەسى ۋە دەرسلىك ماتېرىيالىنى تولۇقلاپ، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا، بىز تور دەرسخانىسى ئەندىزىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى دەرس ئۆتىمىز» دېدى كەلپىن ناھىيەلىك كەلپىن - خۇجوۋ گوچىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما دۇڭشىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى