تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېببىي خادىملارغا قايتۇرۇلغان ئەڭ بەختلىك جاۋاب»

جاڭ داچۈەن:

«ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېببىي خادىملارغا قايتۇرۇلغان ئەڭ بەختلىك جاۋاب»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

«ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، بىرنەچچە قەدەم مېڭىپ بېقىڭ... سىز قىلالايسىز!». 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4 - بىناسىنىڭ ئالدىدا، ICU3 ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى جاڭ داچۈەن 82 ياشلىق بىر ئاغرىقنىڭ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ئۇنى ئاپتاپقا قاقلاندۇرۇۋاتاتتى، ئارىلاپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ نەچچە قەدەم ماڭغۇزاتتى.

بوۋاي يېڭى تىپىتكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىق بولۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش جەريانىدا تۇيۇقسىز مېڭە تىقىلمىسى قوزغىلىپ قېلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋاقتىدا بولغاچقا، خەتەردىن قۇتۇلغانىدى. ھازىر ئۇنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقتى، لېكىن ئۇ پاركىنسون يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىق بەزى ئاساسىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاچقا، يەنىلا ICU ئاغرىقلار رايونىدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، بوۋاينىڭ ھەر كۈنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى پەسكە چۈشۈپ ئايلىنىش ئىدى. ھەر كۈنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش يىغىنى، ياتاق تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جاڭ داچۈەن بوۋاينىڭ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ بىنادىن ئېلىپ چۈشەتتى، «ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېببىي خادىملارغا قايتۇرۇلغان ئەڭ بەختلىك جاۋاب» دېدى ئۇ.

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كىرىپ، جاڭ داچۈەن بىر كۈنمۇ ئارام ئالمىدى. ICU3 ئاغرىقلار رايونى 12 داۋالاش ئورنىدىكى 184 تېببىي خادىمدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ، قانداق قىلغاندا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ داۋالاش قوشۇنىنى ياخشى يېتەكلەپ، ئاغرىقلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇپ داۋالىغىلى بولىدۇ؟ جاڭ داچۈەن باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولدى.

قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا قاتناشقان دەسلەپكى بىر ھەپتىدە، جاڭ داچۈەن كېچە - كۈندۈز ئاغرىقلار رايونىدا ئىشلىدى. بىر ياشانغان ئاغرىق دوختۇرخانىغا كىرىپ مەيدىسى سىقىلىپ نەپىسى يېتىشمىگەندە، ئۇنى دۈم ياتقۇزۇپ نەپەس راۋانلاشتۇرۇش بويىچە داۋالىدى. ئۇ ئاغرىقنىڭ يېنىدا بىر كېچە تۇرۇپ، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، قاندىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىنىڭ %90كە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىدى. «كانايغا نەيچە سېلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار!»، جاڭ داچۈەننىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەن، ليۇ يەن، چېن دۇڭ قاتارلىق دوختۇرلار دەرھال ماتېرىياللارنى تەييارلىدى.

«مەن قىلاي، سىلەر ماسلىشىپ بېرىڭلار.» جاڭ داچۈەن ئالدى بىلەن ئاغرىقنىڭ كانىيىنى كېسىپ ئاچتى. «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ جاراھەت مەشغۇلاتىدا يۇقۇملىنىش خەۋپى بار، مۇدىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن جەزمەن باشلامچى بولۇشۇم كېرەك.» جاڭ داچۈەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ كۆرگىنىم شۇ بولدىكى، بۇ كوللېكتىپتىكى ھەربىر ئادەم قىلچە قورقمىدى، كۆپچىلىك قوش قاتلىق پەلەي كىيىپ، كۆپ قېتىملىق چوڭقۇر ۋېنانى تېشىشنى دەل جايىدا تاماملىدى، قېلىن مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئاغرىقلارنى ئۆرۈپ دۈم ياتقۇزۇپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىر قاتار يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش تېخنىكا مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇردى».

«گەرچە دوختۇر - سېسترالار ئوخشاش بولمىغان دوختۇرخانا، ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەردىن كەلگەن بولسىمۇ، بىز چوقۇم ئاغرىقلارنىڭ بىرخىللاشقان داۋالاش لايىھەسىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.» 30 نەچچە يىللىق ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە جاڭ داچۈەن دوختۇر - سېسترالاردىن ھەربىر ئاغرىقنىڭ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ICU كەسپىي ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك دوختۇرلارنى گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەربىر گۇرۇپپىغا باشقا كەسىپتىكى دوختۇرلارنى سەپلىدى، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىدى؛ دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەڭشىگەن ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ ھەر قېتىملىق داۋالاش لايىھەسىنى ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا يەتكۈزدى، ئىجرا قىلدى؛ ياتاق تەكشۈرگەندە، ئۇ ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىكى ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي سورىدى... قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتى ناھايىتى تېزلا ئىزىغا چۈشتى، دوختۇر - سېسترالارمۇ بۇ مەيدان جەڭدە چېنىقتى.

«ئاغرىقلارنىڭ ئاستا - ئاستا ھوشىغا كەلگەنلىكىنى، پۇت - قوللىرىنىڭ ئاستا - ئاستا ماغدۇرغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بىز مەخسۇس سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى كەسپىي سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى بىلەن تەمىنلىدۇق.» جاڭ داچۈەن مۇنداق دېدى: خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇپ، تەدرىجىي ياخشىلانغانلىقىنى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قەلبىمىز بەخت ۋە ئىپتىخارلىققا تولدى.

جاڭ داچۈەن ئىلگىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چەت ئەلگە ياردەم بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلغان، بۈگۈنكى كۈندە، ئىشىك ئالدىدىلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ. «مېنىڭمۇ 80 ياشقا كىرگەن ئانام بار، مەن ئاغرىقلارنى ئۆز قېرىندىشىمدەك كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن.» جاڭ داچۈەن ئانىسىغا ئۆزىنىڭ بىرىنچى سەپكە كېلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى، «بىز زەپەر قۇچۇپ قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىم ئانامنى يوقلاش» دېدى جاڭ داچۈەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ