9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 20:00دە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جاڭ جيايى ئۆيىدە «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى»نى كۆرۈپ، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن سۆزلىگەن ئېسىل ھېكايىلەرنى ئاڭلىدى.
ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرلار چىن پېڭ، ۋاڭ خۇەن، قىسمەن سۈرەتلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تەمىنلىگەن): 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 20:00دە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆيىدە دەل ۋاقتىدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلىگەن «ئۆسمۈرلەر كۈچەيسە، دۆلەت كۈچىيىدۇ» باش تېمىسىدىكى «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى»نى كۆردى، «جۇمھۇرىيەت ئوردىنى»غا ئېرىشكۈچى جۇڭ نەنشەن، «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپىگە ئېرىشكۈچى جاڭ بولى، جاڭ دىڭيۈ، چېن ۋېي قاتارلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قەھرىمانلىرى ھەمدە بېيدوۋ 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى شيې جۈن قاتارلىقلار ساۋاقداشلارغا دەرس ئۆتتى. ساۋاقداشلار بۇ ئالاھىدە تۇنجى سائەتلىك دەرستە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىمممىگە ئېلىش، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىلىم-پەندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەزمۇننى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قوبۇل قىلدى.


