شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، سانجى ئوبلاستلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىن تارقالغان خەۋەرگە قارىغاندا، سانجى ئوبلاستىدىكى بارلىق دالا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىكەن ھەم مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمال بېلىتى داۋاملىق تارقىتىلىدىكەن.
ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنى» «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىر كۆرسەتمىسى» قاتارلىق تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
كەڭ ساياھەتچىلەر شەخسىي مۇداپىيەنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار خىزمەت تەرتىپىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، بىخەتەر ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاپ، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، توپلاشماسلىق، يىغىلۋالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى