تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: نۇقتىلىق كارخانىلار تەدرىجىي ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  8-ئاينىڭ 31-كۈنى، گۇاڭچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىملار زاۋۇتتىن يېڭى چىققان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرمەكتە.

  8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان گۇاڭچى يولۇچىلار ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇيان تۇنجى تۈركۈمدە سەككىز ئاپتوموبىلنى سىرتقا سېتىشقا باشلىدى. 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كارخانىلار تەدرىجىي ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى تەتقىق قىلىپ مۇنۇلارنى قارار قىلدى: 8- ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونىنىڭ يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى خەۋپ-خەتەردىن تۆۋەن خەۋپ-خەتەرگە تەڭشەلدى؛ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، شىمىگۇ رايونىنىڭ يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال خەۋپ-خەتەردىن تۆۋەن خەۋپ-خەتەرگە تەڭشەلدى.

  ئاپتور: جاۋ گې

  «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 古丽波斯坦·吾拉木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل