تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا دالا مەنزىرە رايونلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىدۇ، ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىغان ساياھەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ باسقۇچلۇق ئۈنۈمى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش باسقۇچىغا كىرگەن، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەن. 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق دالا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى(نۇقتىلىرى) كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىپ ساياھەت قىلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ساياھەت كارخانىلىرى قەتئىي ھالدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنى»، «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۆرسەتمىسى» قاتارلىق تەلەپلەر بويىچە، مەنزىرە رايونلىرىدا سەيلە-ساياھەتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شىنجاڭ پات ئارىدا كۈزلۈك ۋە قىشلىق ساياھەتنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ، شىنجاڭدىكى قىزغىن، مېھماندوست ھەر مىللەت خەلق ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. كەڭ ساياھەتچىلەر شەخسىي مۇداپىئەنى پائال ياخشى ئىشلىشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، ساغلاملىق كودىنى كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تەلەپلەرگە رىئايە قىلىشى، بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى