تىيانشان تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سانجى ئوبلاستلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، سانجى ئوبلاستىدىكى بارلىق دالا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىكەن ھەمدە مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بېلىتى داۋاملىق تۈردە تارقىتىلىدىكەن.
ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»، «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئېچىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۆرسەتمىسى» قاتارلىقلاردىكى تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.
ساياھەتچىلەر شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار خىزمەت تەرتىپىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، توپلىشىۋالماسلىقى، يىغىلىۋالماسلىقى كېرەك.