تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 1000دىن ئاشتى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 15 ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 1000دىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 15 ئاغرىق دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئالتە يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. ھازىرغىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 792، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 224 بولۇپ، جەمئىي 1016.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1000دىن ئاشتى، بۇ، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نەچچە مىڭ تېببىي خىزمەتچىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە بولۇپ، بىزنىڭ ئالدىنقى باسقۇچتىكى داۋالىشىمىزنىڭ پائال، ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئاغرىقلارمۇ بىزنىڭ قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىمىزغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى. كېيىنكى باسقۇچتا، بىز «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 8 - نۇسخىسى)»گە داۋاملىق قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دوختۇرخانىدىكى ئاغرىقلارنى پائال داۋالايمىز ۋە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلدۇرىمىز، ئۇلارنى داۋالاپ ساقايتىشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى