تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەر كوچىلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى ئېچىلىپ تىجارەت باشلاپ سودا قىزىپ كەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، يىن تۇڭيۇەن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يول ياقىسىغا جايلاشقان دۇكانلار ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى. 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كوچا رەستىلەردە، نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش شەرتى ئاستىدا، دۇكان ئىچىدە ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. كاۋاپ، سېرىق ئاش، ئەتكەن چاي ... بۇ مەززىلىك تائاملارنى ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ يېيىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقى يەنىلا شۇنداق يۇقىرى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، تاماقلارنى ئوراپ ئېلىپ ماڭدى.

  2000 قاچا سېرىق ئاش، راڭپىزا تۆت سائەتتىلا سېتىلىپ بولدى

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى يىخې مەھەللىسى كوچا بويىغا يېقىن بىر راڭپىزا دۇكىنىدا، دۇكان ئىگىسى ئۆچىرەتتە تۇرغان خېرىدارلارغا راڭپىزا ئېتىپ بەرمەكتە.

    شۇ كۈنى سائەت 13:30 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۈيتاشەن تەۋەلىك رايونى يىخې مەھەللىسى چىفاڭ بازىرىدا سېرىق ئاشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك تېتىقۇ پۇرىقى، قاقلانغان ناننىڭ خۇش ھىدى، گۈرۈچ ئېشىدىن تارىغان لازا پۇرىقى ... پۈتۈن كوچىدىكىلەرنى «جەلپ قىلدى».

  3-نومۇرلۇق راڭپىزىخانىدا، دۇكان ئىگىسى ما مىڭ توختىماي مېھمانلارنى چاقىردى، دۇكان ئېچىلىپ تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنىدە، ئالدىراش بولغان ما مىڭ خۇشاللىقىدا چارچىغاندەك ھېس قىلمىدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇن، ما مىڭ دۇكاننى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، يۇقۇمدىن بۇرۇنقى ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلدى. «مەن يېمەكلىكنىڭ ئەڭ يېڭى ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمەن، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.» ما مىڭ مۇنداق دېدى: دۇكاننىڭ يەر يۈزى، ئوچاق بېشى بىر كۈندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، بارلىق يېمەكلىكلەرنى پەقەت ئوراپ ئېلىپ كېتىشكە بولىدۇ، ئاشخانىدا تاماق يېيىش مەنئى قىلىنىدۇ. دۇكان مۇھىتى لاياقەتلىك بولسا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىمۇ جايىدا بولىدۇ، ماسكا تاقاپ، پەلەي ۋە ئىش كىيىمى كىيىش، بىر كۈندە ئۈچ قېتىم تېمپېراتۇرا ئۆلچەشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

  ئەتىگەن سائەت 06:00دە 2000 قاچا سېرىق ئاش، راڭپىزىنى تەييار قىلىپ، سائەت 10:00 بولغاندا دۇكاننى ئېچىپ تىجارەت باشلاپ، شۇ كۈنى سائەت 14:00 لەردە سېرىق ئاش، راڭپىزا پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولدى، ما مىڭ كۆڭلىدىكى خۇشاللىقىنى تەستە يوشۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق تېز سېتىلىپ كېتىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم، نۇرغۇن كونا خېرىدارلار بىر ئالغاندا يەتتە، سەككىز قاچا سېتىۋالدى، بۇنداق جىق راڭپىزىنى ئادەتتە پۈتۈن بىر كۈندە سېتىپ بولاتتىم!».

  كۆپچىلىك ئاڭلىق ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغاچقا، كىشىلەر خاتىرجەم ئىستېمال قىلدى

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى يىخې مەھەللىسىدىكى يول بويىغا يېقىن بىر ناۋايخانىدا، بىر شەھەر ئاھالىسى بالىسى بىلەن بىللە نان سېتىۋالماقتا.

  چىفاڭ بىلەن قوشنا ئىدىرىس ناۋايخانىسى ئالدىدا، نان سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارلار خېلى كۆپ ئىدى. يۈزىگە پىياز چېچىلغان نان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق تونۇردا پىشىپ چىققاندىن كېيىن خۇش ھىدى كىشىلەرگە چەكسىز لەززەت بېرەتتى.

  دۇكاندار ئادىلجان ئىدىرىس بىر تەرەپتىن نان ياققاچ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «پوسما، ماسكا، خىزمەت كىيىمى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھالقىسىدا بىرى كەم بولسا بولمايدۇ».

  شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ لىلى ئىككى نان سېتىۋېلىپ مۇنداق دېدى: «ناننى ئالدى سۇپىغا قويۇپ قويۇڭ، ئۆزەم قاچىلاپ بېرەي، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنى ئازايتايلى؛ كۆپچىلىك ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نان سېتىۋالغاندا ئاڭلىق ھالدا ماسكا تاقاپ، ئارىلىق ساقلىدى، بۇ خىل ھالەت كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىدۇ».

  بىر سائەتتە، بۇ ناۋايخانىدا 200دىن ئارتۇق نان سېتىلدى، ئادىلجان بىر ئاز قورۇنۇپ مۇنداق دېدى: «تېز سېتىلسا مەن خۇش بولىمەن، يەنە بىر نەچچە خالتا ئۇن بار، بۈگۈن كۆپرەك نان يېقىپ، ھەممىنى سېتىۋېتىمەن».

  يەتتە سائەتتە 400 زىق كاۋاپ، 20 كىلوگىرام ئاسما كاۋاپ سېتىلىپ بولدى

  «7-نومۇر! 7-نومۇر بامۇ؟ 20 زىق كاۋاپ، بىر نان، ئىككى قاچا داپەنچى لەغمەن تەييار بولدى.» سائەت 15:00لەردە، سايباغ رايونى بازار جەنۇبىي يولىدىكى خۇياڭخۇڭ كاۋاپخانىسى سىرتىدا، شەھەر ئاھالىلىرى قوللىرىغا نومۇر تاختىسىنى ئېلىپ مۇلازىمنىڭ نومۇر چاقىرىشىنى كۈتۈپ تۇردى.

  شەھەر ئاھالىسى لى ۋېيخاۋ كاۋاپنى قولىغا ئېلىپ ئۆزىنى باسالماي تاماق قاچىسىنى ئېچىپ بىر پۇرىۋېتىپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭلىق ئوغۇل بالىنىڭ كۈتكىنى دەل مۇشۇ تەم، بۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دەل جايىدا ياخشى ئىشلىنىپتۇ، مەن خاتىرجەم بولدۇم».

  «8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاشخانا ۋە ئارقا ئاشخانىنىڭ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، بىز دۇكاننى ئېچىپ تىجارەت باشلىدۇق، ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ تاماق يېگىلى بولمىغانلىقتىن، بىز تاماق ئېلىش تاختىسىنى ئىشىكنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇق، خېرىدارلار تاماق بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، نومۇر تاختىسىنى ئېلىپ تامىقىنى ئالسا بولىدۇ.» ئاشخانا مەسئۇلى شېن يۈنجاڭ مۇنداق دېدى: «تاماق ساقلاش رايونىغا يەنە دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنى قويۇپ قويدۇق، خېرىدارلار ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ».

  ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈچ سائەت، چۈشتىن كېيىن تۆت سائەت تىجارەت قىلىپ، 400 زىق كاۋاپ ۋە 20 كىلوگىرام ئاسما كاۋاپ يەنىلا خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى، «بىر قىسىم خىزمەتچىلەر تېخى خىزمەت ئورنىغا كېلىپ بولالمىدى، دۇكاندا ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق، نۇرغۇن خېرىدارلار كاۋاپ، ئاسما كاۋاپلارنى ئالدىن زاكاز قىلىپ، تەييار بولغاندا دۇكانغا كېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ» دېدى شېن يۈنجاڭ.

     بولكا، ئەتكەن چايلارنى ئالدىن زاكاز قىلىش كېرەك، خېرىدارلار «بەك قالتىس» دەپ ماختاشتى

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يۆگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئىچىملىك دۇكىنىدا، دۇكان باشلىقى خېرىدارنىڭ زاكاز قىلغان ئىچىملىكىنى ئوراپ بەرمەكتە.

  «بۇ دۇكاننىڭ كۆپچىلىكنىڭ بۇنچىلىك ئالقىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ئىشىك ئەمدىلا ئېچىلىپ تىجارەت باشلىشىغا، بارلىق مەھسۇلاتلار ئىككى كۈندىن كېيىنگىچە زاكاز قىلىنىپ بولدى.» سائەت 16:40 ئەتراپىدا، مۇخبىر تىيانشان رايونى جۇڭشەن يولى نافېر DIY پىشۇرۇق دۇكىنىغا كېلىپ، دۇكان مەسئۇلى ما لىنانىڭ دۇكاننى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ما لىنا مۇنداق دېدى: «زاكاز مىقدارىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، بۇ ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى».

  ما لىنا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىرتقا ئېچىلىدىغان ئىشىكنى تاقاپ، پەقەت تەقسىملەپ يەتكۈزدى، «نۇرغۇن خېرىدارلار مەخسۇس دۇكانغا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى كەلسە، مەن پەقەت چىرايلىقچە رەت قىلىمەن. دۇكان ئىچىنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە دېزىنفېكسىيە قىلمەن».

  تور سىرتىدا سېتىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان تەقدىردىمۇ، توردىكى 16 ۋېيشىن توپىدا ما لىنا نۇرغۇن زاكاز قوبۇل قىلدى.

  ياساپ پۈتتۈرۈشتىن تارتىپ ھىم ئوراپ قاچىلاش خالتىسىغا قاچىلاشقىچە، دۇكاندىكى بارلىق خادىملار پۈتۈن جەرياندا ماسكا تاقاپ، پەلەي ۋە پوسما كىيىدۇ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرى ھەر قېتىم يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال ئاپتوموبىلنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرىدۇ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ.

  ناۋادا ناھايىتى يېيىشلىك بولكىنى ئىككى كۈن ساقلاشقا توغرا كەلسە، سىز يەنە زاكاز قىلامسىز؟ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بىر ئىستاكان ئەتكەن چاي ئالامسىز؟

  سائەت 17:30 ئۆتكەندە، ياشلار يولى جەنۇبىي 1-كوچىسى يۆگۇاڭ ئولتۇراق رايونى ۋۇيىن لياڭپىڭ دۇكىنى ئالدىدا، خېرىدارلار ئەتكەن چاي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ساقلىدى. «مېنىڭ شۇنداق ئەتكەن چاي ئىچكۈم كەلدى، ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا پەستىكى ئەتكەن چاي دۇكىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال ماسكامنى تاقاپ، ئىشىكتىن چىقىش ئىسپاتىمنى ئېلىپ پەسكە چۈشتۈم.» شەھەر ئاھالىسى ليۇ رۇڭرۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەتكەن چاي زاكاز قىلدىم، گەرچە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ساقلىساممۇ، سېتىۋالالىدىم، بەك قالتىس بولدى».

  شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ليۇ رۇڭرۇڭ يەنە بىر بوتۇلكا دېزىنفېكسىيە سۈيىنى ئېلىپ چىقتى، «گەرچە سودىگەرلەر دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنى تەييارلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەن ھەر قېتىم ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈم يەنە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىمەن».

  بۇ دۇكاننىڭ دۇكان باشلىقى جىن خۇينىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋە قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «تىجارەت باشلاپ يېرىم كۈندىلا ئادەتتە بىر كۈندە ساتىدىغان ئەتكەن چاينىڭ سېتىلىپ بولۇشىنى ئويلىمىغان ئىدىم، ئەتىگەن سائەت 10:00دىلا ئالدىراشلىق باشلاندى، پۈتۈن بىر كۈن، دۇكاندىكى خادىملار ھېچقانچىلىك ئارام ئالمىدى».

  سائەت 18:00لەردە، جىن خۇي دۇكاندىكى خادىملارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى ھەم تىزىملاش ئېلىپ باردى، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى