تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونىنىڭ يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىدىن تۆۋەن خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلدى، ئىككى رايون ئارىسىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرى، BRT قاتارلىق بىر قىسىم ئاممىۋى قاتناش ترانسىپورت ئاپتوموبىللىرىمۇ ئەسلىگە كەلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە 222 BRT يولغا چىققان. سۈرەتتە، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇھىت ئاسراش باشقارمىسى BRT بېكىتىدە، 7-نومۇرلۇق لىنىيە شىمىگۇ رايونىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن سايباغ رايونىنىڭ شىسەن تۆت ئاچالغا قاراپ ماڭماقتا.

سۈرەتتە، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇالىڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە، شىمىگۇ رايونى، سايباغ رايونى ۋە تىيانشان رايونىدىن ئۆتىدىغان 310-يول ئاپتوبۇسى يولۇچى توشۇماقتا.

سۈرەتتە، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى BRT ساي يولىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىدىن باش بېكەتكە قاراپ ماڭماقتا.

سۈرەتتە، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8لەردە، بىر قانچە ئاممىۋى ئاپتوبۇس سايباغ رايونى شىخۇڭ يولى بېكىتىگە كەلدى.

سۈرەتتە، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە، سايباغ رايونىدا، جەنۇبىي دوستلۇق يولىدا قاتناۋاتقان ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە شەخسىي ئاپتوموبىلى قاتارلىقلار.

سۈرەتتە، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8لەردە، سايباغ رايونى جەنۇبىي دوستلۇق يولىدا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، BRT ئاپتوموبىللىرى قاتنىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى