تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يەنىلا كۈچەيتىشى كېرەك

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرلار ليۇ مېڭمېڭ، ۋاڭ جوۋ، دوۋ شىڭجۈن): نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى پائال ياخشىلىنىۋاتىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

لى فەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

  8-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرلار ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇدىر ۋراچ لى فەننى زىيارەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىدى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار يەنىلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىشى، شەخسىي مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىلىشتىن، توپلىشىشتىن ساقلىنىشى زۆرۈر.

  سودا ساراي ۋە تاللا بازارلىرى: خېرىدارلارنى تەرتىپلىك مال سېتىۋېلىشقا يېتەكلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك

  «ھەر قايسى سودا ساراي، تاللا بازارلىرى قاتارلىق تىجارەت سورۇنلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشى، يۇقۇم ئۇچۇرىنى دوكلات قىلغۇچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. سودا ساراي ئىچىنى تازىلاشنى كۈچەيتىپ، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، لىفىت، ئاممىۋى گىلەم، كارىدور، تازىلىق ئۆيى، ئىشىك تۇتقۇچى، پۇل يىغىش سۇپىسى، مال سېتىۋېلىش ھارۋىسى قاتارلىق ئاممىۋى رايونلار، شۇنداقلا ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش مەشغۇلاتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك» دېدى لى فەن.

  «تىرىك، يېڭى، توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان خىزمەتچىلەر ماسكا تاقاشقا، قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى، توڭلىتىلغان بۇيۇملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشى زۆرۈر». لى فەن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: سودا ساراي، تاللا بازارلارلىرى يەنە خېرىدارلارنى تەرتىپلىك مال سېتىۋېلىشقا، ھېسابات قىلىشقا، كىرىپ-چىققاندا ئارىلىق ساقلاشقا يېتەكلەشكە دىققەت قىلىشى، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى خېرىدارلار ئېقىم مىقدارىنى كونترول قىلىپ، پۇل يىغىش سۇپىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ توپلىنىپ قىلىشى ۋە ئۇزۇن تۇرۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  كارخانىلار: ئىش ئورنىغا قايتقان خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك

  «كارخانىلار ئىش ئورنىغا قايتقان خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىش باشلاشتىن بۇرۇن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشى، ئارىلىقتا قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن بولۇشى، تېنى ساغلام بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىش باشلاش كېرەك. كۈندىلىك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر كۈنى ئىشقا چىقىپ-چۈشكەندە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىشى، شۇنداقلا خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك، بىنورمال ئەھۋال بايقالغاندا دەرھال دوكلات قىلىشى، شۇنداقلا مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك». لى فەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىلار خىزمەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ۋاقىتنى ئايرىپ ئىشقا چىقىش-چۈشۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق خادىملارنى مۇۋاپىق ئايرىشى، خادىملارنىڭ غىزالىنىشىنى مۇۋاپىق تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاقىت بۆلىكى، رايون، تۈركۈم بويىچە ئايرىم غىزالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ياتاقتا ياتىدىغان ئادەم سانىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تازىلاشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سورۇن ۋە مۇناسىپ بۇيۇملار، تازىلىق ئۆيى، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىقلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

  شەخسىي مۇداپىئە: پەسىل ئالمىشىش مەزگىلىدە، تارقىلىشچان زۇكامدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك

  «ھازىر دەل پەسىل ئالمىشىدىغان مەزگىل، كىيىمنى قېلىنراق كېيىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، ياشانغانلار، بالىلار ياكى ئاساسىي كېسىلى بار كىشىلەر تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىپ، ئۆيدە ياكى ئىشخانىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا، تازىلىققا ۋە دېزىنفېكسىيەلەشكە دىققەت قىلىش، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنى سەپلەش كېرەك». لى فەن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋالغاندا، نىشاننى ئېنىق بېكىتىپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، قاراتمىلىق ھالدا مال سېتىۋېلىپ، سىرتتا تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى