تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە قارىتىلغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتى كېلەر يىلى 3- ئايغىچە ئۇزارتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ شىنجاڭ يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە قارىتىلغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش مۇددىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتقان بولۇپ، 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگە كېچىكتۈرگەن.

مۇددەتنى ئۇزارتىش سىياسىتىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تيەن دى مۇنداق دېدى: قەرز پۇلنىڭ قەرەلى توشۇپ قەرز پۇلنىڭ دىرى، ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بولغان يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئىككىنچى قېتىم قەرز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا ھەم مالىيە ئۆسۈم ياردىمىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. قەرز پۇلنىڭ قەرەلى توشمىغان بولسا، يەككە سودا - سانائەتچىلەر قەرز پۇل بەرگەن بانكا ئاپپاراتىغا دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قەرز پۇل بەرگەن بانكا يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە تىجارەت ئەھۋالىغا ئاساسەن باھالاپ، قەرز پۇل قەرەلىنى ئۇزارتىش، داۋاملىق قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دىرىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇزارتىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇزارتىش مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قەرز پۇلنىڭ قەرەلى توشۇپ قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بولغان، ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ باقمىغان يەككە سودا - سانائەتچىلەر شۇ جايدىكى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا قەرز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قەرز پۇل مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇش مۇددىتىنى ئىككىنچى قېتىم ئۇزارتىشى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى قېتىملىقى 4 - ئايدا ئۇزارتىلغان بولۇپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە قارىتىلغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش مۇددىتىنىڭ ئەسلىي بېكىتىلگەن ئاخىرلىشىش كۈنى 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە ئۇزارتىلغانىدى. بۇ سىياسەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى 3 - ئايدا بىرلىكتە چىقارغان بولۇپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا رەنىسىز، كېپىلسىز ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قەرز پۇل سوممىسى 80 مىڭ يۈەن ئىچىدە بولۇپ، قەرز پۇل مۇددىتى ئالتە ئاي بولىدۇ، قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بانكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى قەرز پۇل بازار باھاسى ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن %50 ئۆسۈم ياردىمى بېرىلىدۇ. 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە 6 مىليارد 12 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىلىپ، 113 مىڭ 300 يەككە سودا - سانائەتچى مەنپەئەتلەندۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى