تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خىزمەتنى ئىنچىكە ئىشلەيمەن

سۈن جياڭ:

خىزمەتنى ئىنچىكە ئىشلەيمەن

[ئىستون سۆزى]

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى؛ تېببىي خىزمەتچىلەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھاياتلىقنى قوغدىدى؛ مەھەللە خىزمەتچىلىرى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى؛ پىدائىيلار سەمىمىي ئۆزىنى بېغىشلىدى، ھېرىپ - چارچاشتىن باش تارتمىدى، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەرگە ئاتلاندى... بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «بىرىنچى سەپتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان قەھرىمانلار شەجەرىسى» ئىستونى ئېچىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى بايان قىلىدۇ، بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە تاۋلىنىپ چىققان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى نامايان قىلىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ

«خوتۇنۇم بالىلارنىڭ ئۆيىدە، قايتىپ كەلمىدى، مەن يالغۇز تۇردۇم، ھېلىمۇ ياخشى سۈن شۇجى ۋە مەھەللىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە مەن ياخشى يېدىم، ياخشى ئۇخلىدىم، سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى بولدى.» 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى باجياخۇ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى دەي چىڭشىن مەھەللىنىڭ 1 - شۇجىسىنى تىلغا ئالغاندا، تەرىپلەش ھېسسىياتى چىرايىدا ئىپادىلىنىپ تۇراتتى: «سۈن شۇجى چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېسىدە تۇتۇپ، مېنىڭ ھالىمدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالدى، ئۆز بالامدىنمۇ ئەستايىدىل بولدى».

بوۋاي ماختىغان شۇجى شىمىگۇ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باجياخۇ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، مەھەللىنىڭ 1 - شۇجىسى سۈن جياڭ بولۇپ، بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى باجياخۇ مەھەللىسىگە كەلگەندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، نۇرغۇن تەجرىبە توپلىدى.

ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۈن جياڭ باشلامچىلىق بىلەن بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى يېتەكلەپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ئائىلىدە ئايرىۋېتىلگەنلەرگە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، تەۋەلىكتىكى يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار، تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقى، ئامانلىقىنى قوغدىدى.

ئەستايىدىل سۈن جياڭ دەي چىڭشىن سېتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قولايلىق يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۆيىگە بېرىپ سۈرۈشتۈردى، بوۋاينىڭ ئۆيدە يالغۇز ئىكەنلىكىنى، تاماق ئېتىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى، يەنە ئاشقازان كېسىلى بارلىقىنى، قولايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. سۈن جياڭ ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى بوۋايغا تاماق ئېتىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى، يەنە خىزمەتچىلەرگە تاماق ئەتكەندە ئاچچىق ئېتىۋەتمەسلىكنى ئالاھىدە تاپىلىدى.

سۈن جياڭ ئاھالىلەرنىڭ تەلىپىنى ئەزەلدىن كېچىكتۈرمەي، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىپ بەردى. بۇ مەھەللىنىڭ شېڭخېيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر دەنيۈەندىكى ئاھالىلەر كارىدوردىن دائىم شاۋقۇن چىقىپ تۇرغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە ئۇخلىيالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. سۈن جياڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ سەۋەبىنى ئىزدىدى. ئاخىردا شاۋقۇننىڭ بۇ دەنيۈەندىكى 402 - ئۆيدىن چىقىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىنى بايقىدى. كۆپ تەرەپلىمە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىدارىسىگە بېرىپ ئاچقۇچنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بېلىق ئىدىشىدا سۇ كەمچىل بولغاچقا، سۇ پومپىسىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بېلىق ئىدىشىنى توكتىن ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، شاۋقۇنمۇ يوقاپ، ئاھالىلەرنىڭ تەلىپى ۋاقتىدا ھەل قىلىندى.

ئاھالىلەرنىڭ نەزەرىدىكى چاقماقتەك چاققان سۈن شۇجى «تۆمۈر ئادەم» ئەمەس. بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۈن جياڭ سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش كېسىلى بىلەن جىددىي داۋالاشقا ئېلىپ بېرىلدى، گەرچە دوختۇر كېسەلخانىدا يېتىپ تاشنى ئېزىپ داۋالاشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا دورا ئېلىپ ئىش ئورنىغا قايتىشتا چىڭ تۇردى. «مېنىڭ يىل بېشىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبەم بار، مەھەللە خىزمىتىنى بىر قەدەر پىششىق بىلىمەن، مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە ھەربىرىمىز ئۆز دائىرىمىزدىكى ئىشلارنى ياخشى قىلساقلا، ئاندىن ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلالايمىز».

سۈن جياڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىغا رىشتە باغلاپ، خىزمەتنى ئىنچىكە ئىشلىگەندە، ئاھالىلەرنىڭ قوللىشى ۋە چۈشىنىشىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، بۇمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى