تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى تەدرىجىي تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتى تەدرىجىي تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 8-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئالدى بىلەن 79 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدىكى 1180 ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئومۇمىي ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ %30ىنى ئىگىلىدى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، شىمىگۇ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، مىدۇڭ رايونى، داۋانچېڭ رايونى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيەسىنى قاپلىدى. ئەڭ دەسلەپكى نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى سائەت 08:00، ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبۇسنىڭ قاتناش ۋاقتى سائەت 22:00. يولۇچىلار ئېقىم مىقدارىغا ئاساسەن ئاپتوبۇسلارنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشىلىدۇ. 1220 تاكسى يولغا چىقىپ تىجارەت باشلىدى. يولغا چىقىپ تىجارەت قىلىۋاتقان كەسىپكارلار بىردەك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتوموبىلنىڭ تېخنىكىلىق ئەھۋالىغا قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ۋاقتىدا يۇشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، تىجارەت قىلىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  كېيىنكى قەدەمدە BRT تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش، مەھەللە ئاپتوبۇسى ۋە باشقا ئادەتتىكى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، كۆپ خىل ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىلىپ، تاكسىنىڭ توشۇش كۈچىمۇ تەدرىجىي ئاشۇرۇلىدۇ.

  ھەر بىر ئاپتوبۇسنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتوبۇس ۋە مەيدان -بېكەتلەرنى ھەر تەرەپلىمە دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بولۇپمۇ يولۇچىلار ئۇچرىشىدىغان ئىشىك تۇتقۇچى، ئاپتوبۇس ئەينىكىنىڭ تۇتقۇچى، ئاپتوموبىل پولى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قېتىم سانى ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى ۋە تاكسى ئىچىنىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. شوپۇرلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ماسكا تاقىشى كېرەك. يولۇچى توشۇش جەريانىدا، ئاپتوموبىل ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ. تىجارەتتە، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ يولۇچى توشۇش نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، تاكسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە يولۇچى ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، كېيىنكى رېتىدە ئولتۇرغانلار پىرىنسىپ بويىچە ئىككى ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ماس كېلىدىغان قاتناش-تىرانسپورت تەشكىلىي ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرانسپورت كۈچى كاپالىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپنىڭ تەدرىجىي نورماللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە يۇغۇرما تاراتقۇسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى